شەرقىي ئاقدېڭىزدا چىقىۋاتقان مىسىر شامىلى مۇۋازىنەتلەرنى ئۆزگەرتەمدۇ؟

«ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «شەرقىي ئاقدېڭىزدا چىقىۋاتقان مىسىر شامىلى مۇۋازىنەتلەرنى ئۆزگەرتەمدۇ؟» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

1012021
شەرقىي ئاقدېڭىزدا چىقىۋاتقان مىسىر شامىلى مۇۋازىنەتلەرنى ئۆزگەرتەمدۇ؟

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: «ئىقتىسادىي سىياسەت كۆزنىكى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا يىلدىرىم بەيازىت ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي پەنلەر فاكۇلتېتى ئىقتىساد كافېدراسى ئوقۇتقۇچىسى پىروفېسسور دوكتور ئەردال تاناس قاراگۆلنىڭ «شەرقىي ئاقدېڭىزدا چىقىۋاتقان مىسىر شامىلى مۇۋازىنەتلەرنى ئۆزگەرتەمدۇ؟» ماۋزۇلۇق خەۋەر ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

يېقىنقى يىللاردا مول تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنىڭ بايقىلىشى بىلەن ئالدىنقى پىلاندىن ئورۇن ئېلىپ كېلىۋاتقان شەرقىي ئاقدېڭىز ھاۋزىسى بىر قانچە ھەپتە ئىلگىرى مۇھىم بىر ئۆزگىرىشكە ساھىبخانلىق قىلدى. ھازىرغىچە رايوندا بايقالغان ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ساھەسىگە ئىگە بولۇپ كېلىۋاتقان مىسىر، نۆۋەتتە دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ساھەلىرىنىڭ بىرى بولۇشقا نامزات نۇر ساھەسىنى بايقىدى. بۈگۈنگىچە شەرقىي ئاقدېڭىزدا بايقالغان بارلىق تەبىئىي گاز ساھەلىرىدىنمۇ كۆپ زاپاسقا ئىگە نۇر ساھەسى، شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيەنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتكۈدەك ئەۋزەللىككە ئىگە. بۇ يەردە، «بۇ ئۆزگىرىش بىلەن بىرلىكتە رايوندىكى ئېنېرگىيە شامىلى قايسى يۆنىلىشكە قاراپ چىقىشقا باشلايدۇ؟» دېگەن سوئال تۇغۇلىدۇ.

شەرقىي ئاقدېڭىز يېقىنقى يىللاردا خۇسۇسەن ئىسرائىلىيە، مىسىر ۋە قىبرىس دېڭىز تەۋەلىكىدىكى تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنىڭ بايقىلىشى بىلەن تەڭ، دۇنيا ئېنېرگىيە ئاكتىيورلىرىنىڭ كۆزىتىش نۇقتىسىغا ئايلاندى. خەلقئارا ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ رايوندا ئېلىپ بارغان كەڭ دائىرىلىك خىزمەتلىرى سايىسىدا شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ تەبىئىي گاز جەھەتتە ئۈستۈنلۈكى نامايان بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ھاۋزا دۇنيا ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىنىڭمۇ بىر پارچىسىغا ئايلانغان بولدى.

نۆۋەتتە ئىتالىيە ئېنى شىركىتىنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېلىپ بېرىۋاتقان خىزمەتلىرى جەريانىدا مىسىر دېڭىز تەۋەلىكىدە بايقالغان نۇر ساھەسىنىڭ 2 تىرىليون 550 مىليارد مېتىر كۇبلۇق تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىكەنلىكىنى پۈتكۈل دۇنيا بىلىدۇ. ھەتتا، دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولغان بۇ ساھەنىڭ ئالدىمىزدىكى كۈنلەردە زاپىسىنىڭ مىقدارى رەسمىي ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، دۇنيانىڭ ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ساھەلىرى تىزىملىكىگە كىرىدۇ.

تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئارقا – ئارقىدىن بايقالغان تەبىئىي گاز ساھەلىرى گەرچە رايوننىڭ ئېنېرگىيە ئۈستۈنلۈكى بىلەن پاراللېل ھالەتتە كېتىۋاتقاندەك قىلسىمۇ، نۇر ساھەسىدىكى تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنى قوشقاندا، مىسىرنىڭ شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى ئېنېرگىيە تەڭپۇڭلۇقىدا روشەن ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولىدىغانلىقىنى ئېيتىشىمىز مۇمكىن.

شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئاخىرقى قېتىم ئىسرائىلىيە، جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرى ۋە مىسىر ئۆز رايونلىرىدىكى تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنى بازارغا سېلىش جەھەتتە بىردىن كۆپ كېلىشىمنى ئىمزالاپ، پەرقلىق بازارغا سېلىش ئىستراتېگىيەلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتاتتى. بۇ بازارغا كىرىش يوللىرى ئارىسىدىكى ئەڭ مۇۋاپىقى شەرقىي ئاقدېڭىزدىكى تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنى ئاقدېڭىزنى بېسىپ ئۆتىدىغان تۇرۇبا لىنىيەسى ئارقىلىق ياۋروپاغا يەتكۈزۈشنى نىشان قىلغان «شەرقىي ئوتتۇرا دېڭىز تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى» قۇرۇلۇشى ئىدى.

نۇر تەبىئىي گاز ساھەسىنىڭ بايقىلىشى بىلەن ئىسرائىلىيەنىڭ ئۆز ساھەسىدىكى تەبىئىي گازنى مىسىرغا سېتىش كېلىشىمى كۈنتەرتىپكە كىردى. ھەتتا، دەسلەپكى قەدەمدە تېل ئاۋىۋ پاي چېكى بازىرىدىكى ئىسرائىلىيە دېڭىز تەۋەلىكىدە تەبىئىي گاز خىزمىتى ئېلىپ بارغان شىركەتلەرنىڭ پايلىرىدا تۆۋەنلەش كۆرۈلدى. گەرچە بۇ ئەھۋال ئىسرائىلىيە – مىسىر ئېنېرگىيە مۇناسىۋەتلىرىدە قىسقا مەزگىللىك تۇراقسىزلىقلارنى يارىتىش خاراكتېرىگە ئىگە بولسىمۇ، ئۇزۇن مەزگىلدە ئىككى دۆلەتنىڭ كېلىشىم ھاسىل قىلىش ئېھتىمالى باردەك قىلىدۇ.

ئەمدى مىسىرنىڭ ئېنېرگىيەدە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاش ۋە رايوندا ئۈستۈنلۈكنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش تىرىشچانلىقلىرىغا كېلىدىغان بولساق، مىسىر رايوننىڭ نوپۇس جەھەتتە ئۈستۈنلۈككە ئىگە دۆلەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، ئېنېرگىيە ئىستېمالى كۈنسېرى ئېشىۋاتقان، خۇسۇسەن يېقىنقى يىللاردا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئېنېرگىيە تەلىپىنى قامدىيالماي كېلىۋاتقان بىر دۆلەتتۇر. 2012 – يىلىدا ئەرەب باھارىنىڭ تەسىرى ئاستىغا كىرگەن ۋە ئارقىدىن ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش يۈز بەرگەن مىسىردىكى سىياسىي قالايمىقانچىلىق ئىقتىسادتىمۇ ئەكس ئەتكەن، دۆلەتنىڭ نېفىت ۋە تەبىئىي گاز ئېكسپورتى توختاپ قالغانىدى.

مىسىر ھازىرمۇ ئېنېرگىيەدىكى بوشلۇقنى ئىمپورت قىلىش يولى ئارقىلىق تولدۇرماقتا. شۇنداقتىمۇ يېڭى تەبىئىي گاز زاپاسلىرىنىڭ بايقىلىشى ئەلۋەتتە ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە مىسىرغا ئۈمىد بېغىشلايدۇ. 850 مىليارد مېتىر كۇبلۇق تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە زوھر ساھەسى ۋە بۇنىڭ ئۈچ ھەسسىسىگە تەڭ كېلىدىغان تەبىئىي گازنى باغرىغا بېسىپ ياتقان نۇر ساھەسىدە ئىشلەپچىقىرىشنىڭ باشلىنىشى شۇنداقلا بۇ زاپاسنىڭ مىسىرنىڭ ئىچكى ئىستېمالىغا قوشۇلۇشى بىلەن مىسىر تەبىئىي گاز ئىمپورتىغا خاتىمە بېرىپ، قايتىدىن تەبىئىي گاز ئېكسپورتچىسى دۆلەتكە ئايلىنىشى مۇمكىن. ھەتتا، شۇنىمۇ دېيىش مۇمكىنكى، مەزكۇر ساھەلەردە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىشنى باشلاش پەقەت مىسىرنىڭلا ئەمەس، رايوندىكى دۆلەتلەرگىمۇ پايدىلىق بىر ھالەت شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىن. مىسىرنىڭ ئېكسپورتچى دۆلەتكە ئايلىنىشى بىلەن، رايوندىكى تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە باشقا دۆلەتلەرمۇ ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ئۆز تەبىئىي گازلىرىنى مىسىر ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئىزدەش ئېھتىمالىمۇ بار.

مىسىرنىڭ ئاقدېڭىز گىرۋىدىكى ئىدقۇ ۋە دامئېتتا تەبىئىي گاز سۇيۇقلاندۇرۇش بېكەتلىرى بۇ مەقسەتتە ئىشلىتىلىشى مۇمكىن. بازارغا ئېچىلىش جەھەتتە سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز سودىسى مىسىرغا نىسبەتەن ناھايىتى پايدىلىق بولغانلىقى ئۈچۈن، ئەينى ۋاقىتتا تەبىئىي گاز ئېكسپورتىدا رايوننىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى دۆلەتلىرىنىڭ بىرىگە ئايلانغانىدى. دېمەك، مەسىلە شەرقىي ئاقدېڭىز تەبىئىي گازىنى بازارغا سېلىش بولغاندا، رايون ئۈچۈن ئەڭ مۇۋاپىق يوللاردىن بىرىنىڭ سۇيۇقلاندۇرۇلغان تەبىئىي گاز، دەپ قارىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ.

شەرقىي ئاقدېڭىزنىڭ ئەڭ باي تەبىئىي گاز زاپىسىغا ئىگە دۆلىتى مىسىر، ئالدىمىزدىكى مۇساپىدە ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەش بىخەتەرلىكىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالامدۇ؟ كىملەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، قانداق كېلىشىملەرگە شېرىك بولىدۇ؟ بۇلارنى كۆرىمىز. قارىغاندا، شەرقىي ئاقدېڭىزدا ئېنېرگىيە شامىلىنىڭ يۆنىلىشى مۇئەييەنلەشكەندەك، شامال جەنۇبقا قاراپ چىقىۋاتقاندەك قىلىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر