مالايشىيالىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ قەرزىنى تۆلەش سەپەرۋەرلىكى داۋام قىلماقتا

مالايشىيا ھۆكۈمىتىنىڭ، دۆلەتنىڭ قەرزلىرىنى تۆلەشكە خەلقنىڭ ياردەم قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈشنى نىشان قىلغان «ئۈمىد فوندى» غا ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ مىقدارى 36 مىليون دوللارغا يەتتى.

1010398
مالايشىيالىقلارنىڭ دۆلەتنىڭ قەرزىنى تۆلەش سەپەرۋەرلىكى داۋام قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مالايشىيا ئىقتىساد مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، خەلق تەرىپىدىن 40 كۈن ئىچىدە «ئۈمىد فوندى» غا ئىئانە قىلىنغان پۇلنىڭ  36 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مالايشىيا خەلقى، 30 – مايدا خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلگەن فوندىغا پائالىيەتنىڭ بىرىنچى كۈنىلا 1 مىليون 760 مىڭ دوللار ئىئانە قىلغانىدى.

مالايشىيانىڭ سابىق باش مىنىستىرى نەجىپ رەزاق دەۋرىدىن قالغان 252 مىليارد دوللارغا يېقىن قەرزى بار.

مالايشىيادا دۆلەتنىڭ چىقىملىرىنى تۆۋەنلىتىش مەقسىتىدە يولغا قويۇلغان سىياسەتلەر دائىرىسىدە، مىنىستىرلارنىڭ مائاشلىرى %10 تۆۋەنلىتىلگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر