بېيجىڭ ھۆكۈمىتىمۇ "ئىنتىقام" ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ خىتاي ماللىرىغا قارىتا يولغا قويغان قوشۇمچە تاموژنا بېجى بەلگىلىمىلىرىگە جاۋاب قايتۇرۇلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

1006966
بېيجىڭ ھۆكۈمىتىمۇ "ئىنتىقام" ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكانىڭ يېڭى تاموژنا بېجى ئېلىش بەلگىلىمىسى تۈنۈگۈن (5-ئىيۇل) يېرىم كېچىدە يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا: "خىتاي سودا ئۇرۇشىدا دەسلەپتە ئوق ئاتقان تەرەپ بولمايدىغانلىقى توغرىسىدا ۋەدە بەرگەن ھەمدە دۆلىتى ۋە خەلقىنىڭ ئاساسىي مەنپەئەتلىرىنى قوغدايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. بۇ ئەھۋال جاۋاب قايتۇرۇشنى مەجبۇر ھالغا ئەكەلدى" دېيىلدى.

بىراق، باياناتتا بۇنىڭغا جاۋابەن قانداق قەدەملەرنىڭ بېسىلىدىغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق تەپسىلىي ئۇچۇر بېرىلمىدى.

بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئېلان قىلغان ئامېرىكانىڭ 34 مىليارد دوللار قىممىتىدىكى خىتاينىڭ تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش قارارىغا قارشى، ئامېرىكادىن ئىمپورت قىلىنىدىغان 50 مىليارد دوللارلىق يۇقىرى پەن-تېخنىكىلىق مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە باج ئېلىش مۇمكىنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر