JCR، تۈركىيەنىڭ كىرېدىت كۆرسەتكۈچى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيەدىكى سايلام نەتىجىسىنىڭ، تۈركىيەنىڭ كىرېدىت ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش نۇقتىسىدىن ئىجابىي ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

1000129
JCR، تۈركىيەنىڭ كىرېدىت كۆرسەتكۈچى توغرىسىدا بايانات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ياپونىيەدىكى دۆلەتلەرنىڭ كىرېدىت ئىناۋەت دەرىجىسىنى باھالاش شىركىتى – JCR، تۈركىيەدە 24 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 27 – نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمىدىن كېيىن ئىچكى سىياسەتتىكى ئاجىزلىغان تۇراقسىزلىقنىڭ كىرېدىت دەرىجىسىنى باھالاشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

JCR، شىركەتنىڭ رەسمىي تور بېتىدە تۈركىيەدە 24 – ئىيۇندا ئۆتكۈزۈلگەن جۇمھۇر رەئىسلىك ۋە 27 – نۆۋەتلىك پارلامېنت ئەزالىرى سايلىمى توغرىسىدا بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ سايلامدىكى غەلىبىسىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسىنىڭ سىياسىي قاتلىمىنى تېخىمۇ كۈچلەندۈرىدىغانلىقىنىڭ كۈتۈلۈۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلدى ۋە يېڭى ھۆكۈمەتنىڭ ئوتتۇرا مەزگىللىك پىلانىنىڭ ئىزچىل كۆزىتىلىدىغانلىقى تەكىتلەندى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر