خىتاي ۋەدىسىدە تۇرمىسا، ئامېرىكا تاموژنا بېجى تەكلىپلىرىنى يولغا قويىدۇ

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى ستېۋېن منۇجىن خىتاي بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن سودا مۇزاكىرەلىرىدە كونكرېت ئىلگىرىلەشنىڭ قولغا كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

976319
خىتاي ۋەدىسىدە تۇرمىسا، ئامېرىكا تاموژنا بېجى تەكلىپلىرىنى يولغا قويىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرى منۇجىن ئامېرىكا ئىقتىساد قانىلى س ن ب س (CNBC) نىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكا-خىتاي سودا مۇزاكىرەلىرى توغرىسىدا توختالدى.

ئۇ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى سودا ئىختىلاپلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن مۇزاكىرەلەرنىڭ نەتىجە بېرىشكە باشلىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: "مەنىلىك ئىلگىرىلەش قولغا كەلتۈردۇق دەپ ئويلايمەن. ئەمدى ئىشلار ئىككى تەرەپنىڭ مۇزاكىرەلەردە چىقىرىلغان قارارلارنى ئىجرا قىلىشىغا باغلىق" دېدى.

ئۇ خىتاي مۇزاكىرەلەردە بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىغان ئەھۋالدا تەكلىپ قىلىنغان تاموژنا باجلىرىنى يولغا قويۇشنىڭ باشلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى:

"ئەگەر مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىسا ۋە تەلەپ قىلغانلىرىمىزغا ئېرىشەلمىسەك، پىرېزىدېنت ترامپ ھەر قاچان   تاموژنا باجلىرىنى قايتا يولغا قويالايدۇ."

ئۇ ئامېرىكا، مېكسىكا ۋە كانادانى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شىمالىي ئامېرىكا ئەركىن سودا كېلىشىمى (NAFTA) مۇزاكىرەلىرى توغرىسىدىكى سوئاللارغىمۇ جاۋاب بەردى.

ئۇ ئۈچ دۆلەتنىڭ پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى، بىراق شۇنداق بولسىمۇ، مۇھىم مەسىلىلەردە پۈتۈشەلمەسلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ پۈتۈشەلمىگەن مەسىلىلەر ھەل قىلىنمىغان تەقدىردە، پىرېزىدېنت ترامپنىڭ كىچىك كۆلەملىك "شىمالىي ئامېرىكا سودا كېلىشىمى" نى ئويلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەردى ۋە مۇنداق دېدى:

" ناھايىتى خاتىرجەم بولغان ھالدا كىچىك كۆلەملىك كېلىشىمنى ئويلىشالايمىز، بۇ ترامپ ئويلىشىدىغان مەسىلە."



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر