ئامېرىكا ئىرانغا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ 2015-يىلى ئىران بىلەن تۈزۈلگەن يادرو كېلىشىمىدىن ئۆز ئالدىغا چېكىنىدىغانلىقلىرىنى ئېلان قىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي، مالىيە مىنىستىرلىقىمۇ ئىرانغا يۈرگۈزۈلىدىغان يېڭى ئېمبارگولارنى ئېلان قىلدى.

968840
ئامېرىكا ئىرانغا يېڭى ئېمبارگو يۈرگۈزۈلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلەر قىسمىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى سەۋەبىدىن ئالتە كىشى ۋە ئۈچ شىركەتنىڭ قارا تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى قارارىدا، مەغداد ئامىنى، مۇھەممەد ھەسەن خۇدايى، سەئىد ناجافپۇر، مەسۇد نىكبەخت، فۇئاد سالىھى ۋە مۇھەممەد رىزا خەدماتى ۋەلەدزاغارد قاتارلىق ئالتە كىشىنىڭ ئىران ئىنقىلابىي مۇھاپىزەتچىلىرىنىڭ قۇددۇس قىسمىغا چېتىشلىق ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلدى.

ئىرانلىق گېنېرال قاسىم سۇلايمانمانى قوماندانلىقىدىكى قۇددۇس كۈچى 2007-يىلدىن بۇيان ئامېرىكانىڭ "تېررورلۇقنى قوللايدىغان ئۇنسۇرلار" تىزىملىكىدە تۇرماقتا.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ئېمبارگو قارارىدىن بۇرۇن بايانات ئېلان قىلغان ئىران پىرېزىدېنتى ھەسەن رۇھانى: "ئامېرىكانىڭ ئىرانغا قارشى يولغا قويىدىغان يېڭى ئېمبارگوسى ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ 2231-نومۇرلۇق قارارىغا ۋە خەلقئارالىق پىرىنسىپلارغا خىلاپلىق قىلغانلىق بولىدۇ" دېگەن ئىدى.  



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر