IMF: تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلدى
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى (IMF) فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ 2017 – يىلى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ تۈركىيە توغرۇلۇق ئېلان قىلغان دوكلاتىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 2016 – يىلقى مەغلۇبىيەت بىلەن ئاخىرلاشقان ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ 2017 – يىلى ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا زور ئىلگىرىلەشلەرنى ھاسىل قىلغانلىقى تەكىتلەندى.
تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ناھايىتى زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادىي جەھەتتىن ئىچكى – تاشقى تەڭپۇڭسىزلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، پۇل پاخاللىقىنىڭ نىشاندىن يۇقىرىلىقى، سىياسىي مۇقىمسىزلىق ۋە رايون خاراكتېرلىك تەڭپۇڭسىزلىقلارنىڭ يۈكسەك ئىكەنلىكى قەيت قىلىندى.
پۇل – مۇئامىلە سىياسىتى جەھەتتىن مۇھىم تەدبىرلەرنى ئېلىشنىڭ زۆرۈرلۈكى تەكىتلەنگەن دوكلاتتا، قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتلار ئارقىلىق ئىچكى بازارلارنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن قەدەم تاشلاشنىڭ مۇھىملىقى بىلدۈرۈلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.