ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىننىڭ سودا چۈشىنىشمەسلىكلىرى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن خىتايغا بارىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

958283
ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرىنىڭ خىتايدا زىيارەتتە بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ترامپ ئاقسارايدا فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېمانۇئېل ماكرون بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن قوشما مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، يېقىندىن بۇيان ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا باش كۆتۈرۈپ، سودا ئۇرۇشى پەيدا قىلىش ئەندىشىسى ياراتقان سۈركىلىشلەر توغرىسىدا توختىلىپ، «خىتاي ناھايىتى قەتئىي، بىزمۇ ناھايىتى قەتئىيمىز. كېلىشىم ھاسىل قىلىش پۇرسىتىمىز ناھايىتى يۇقىرى» دېدى.

ئۇ، سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن بىر قانچە كۈن ئىچىدە ئامېرىكا خەزىنە ئىشلىرى مىنىستىرى ستېۋېن منۇچىننىڭ خىتايغا بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا - ياۋروپا ئىتتىپاقى سودا مۇناسىۋەتلىرى توغرىسىدىمۇ توختالغان ترامپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سودىمىز تولىمۇ ئادالەتسىز، بىراق فىرانسىيە بىلەن بولۇۋاتقان سودىمىز ئادىل» دېدى.

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، شىمالىي ئامېرىكا سودا كېلىشىمىگە ئالاقىدار سۆھبەتلەرنىڭ يېقىنلىشىۋاتقان مېكسىكا سايلاملىرى تۈپەيلى چېگىشىلىشىپ كەتكەن بولسىمۇ، يەنىلا ياخشى داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر