سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 16 مىليارد دوللارلىق كېلىشىم تۈزدى
سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى 16 مىليارد دوللارلىق 36 كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى.
939489
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ رەسمىي خەۋەر ئاگېنتلىقى (SPA) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەر ئىككى دۆلەتتىكى داڭلىق شىركەتلەرنىڭ خوجايىنلىرى بىلەن بەزى سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى قاتناشقان سودا – ئىقتىساد مۇنبىرىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئوتتۇرىسىدا 16 مىليارد دوللارلىق 36 كېلىشىم لايىھەسى ئىمزالانغان.
ئىگىلىنىشىچە، ئاگېنتلىق سەئۇدى ئەرەبىستان تەخت ۋارىسى شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان زىيارىتىگە توغرا كەلگەن كېلىشىملەرنىڭ قايسى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ۋە تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات بەرمىگەن.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.