ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىزمىرغا «ئايروپىلان سەپەرلىرى» باشلىنىدۇ

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىزمىر ئوتتۇرىسىدا «ئايروپىلان سەپەرلىرى» 27 – ئىيۇن باشلىنىدۇ.

938736
ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ئىزمىرغا «ئايروپىلان سەپەرلىرى» باشلىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىزمىر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، « Air Arabia » گۇرۇھىنىڭ شەرقىي ياۋروپا ئىشلىرى شۆبىسىنىڭ مۇدىرى نۈكھەت ئانگىن، ئىزمىر سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئەكرەم دەمىرتاشنى زىيارەت قىلغان.

ئانگىن زىيارىتى ھەققىدە بەرگەن باياناتىدا، « Air Arabia » گۇرۇھىنىڭ بۇلتۇر ھەپتىدە ئۈچ كۈن ترابزونغا «ئايروپىلان سەپەرلىرى» نى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى، بۇ سەپەرلەر جەريانىدا 120 مىڭغا يېقىن يولۇچىنىڭ ساياھەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىنىڭ «شارجاھ» شەھىرى بىلەن ئىزمىر ئوتتۇرىسىدىكى «ئايروپىلان سەپەرلىرى» نىڭ 27 – ئىيۇن كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان ئانگىن، ئىزمىردىن ئۈمىدلىك ئىكەنلىكلىرىنى بىلدۈرگەن.

بۇ يىل مۇغلانىڭ بودرۇم ۋە ئانتالياغىمۇ «ئايروپىلان سەپەرلىرى» نى ئىشقا كىرشتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئېيتقان ئانگىن، ئىزمىرنى تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە ئالدىمىزدىكى ئايلاردا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدىن ساياھەت شىركەتلىرى ۋە يازغۇچىلاردىن تەشكىل تاپقان بىر ھەيئەتنى شەھەرگە كەلتۈرىدىغانلىقلىرىنى ئەسكەرتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكىدە 8 – 9 مىليون چەت ئەللىكنىڭ ياشايدىغانلىقىنى، ئىزمىرنىڭ ئۇلار ئۈچۈنمۇ تاللاش خاراكتېرلىك بىر شەھەر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئىزمىت سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى ئىجرائىيە ھەيئىتىنىڭ باشلىقى ئەكرەم دەمىرتاش بولسا، ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ ئەڭ باي دۆلەتلىرىدىن بىرى بولغان ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىزمىر ئوتتۇرىسىدا «ئايروپىلان سەپەرلىرى» نىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىدىن تولىمۇ خۇرسەن ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.

ئىزمىرنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن كىلاسسىك ياۋروپا بازارلىرىنىڭ سىرتىدا يىراق شەرق، رۇسىيە قاتارلىق بازارلارغىمۇ يۈزلىنىۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتكەن دەمىرتاش، مۇنداق دېگەن: «سەئۇدى ئەرەبىستانلىق ئەرەبلەرنى كەلتۈرىدىغان < Saudia Airlines> شىركىتى بىلەن بۇ ياز <ئايروپىلان سەپەرلىرى> نى ئىشقا كىرىشتۈرۈش ئۈچۈن كېلىشىم تۈزگەن ئىدۇق، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى بىلەن ئىزمىر ئوتتۇرىسىدىمۇ «ئايروپىلان سەپەرلىرى» نىڭ باشلىنىشى بىزگە نىسبەتەن ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر