Moody's: ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدۇ

خەلقئارا كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگىنى Moody's ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش پىلانىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن تەقدىردە خىتاي ئىقتىسادىنىڭ زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

936169
Moody's: ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى خىتاينىڭ ئىقتىسادىغا زىيان يەتكۈزىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: Moody's تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ ئىمزالىغان ۋە خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش ۋە خىتاينىڭ ئامېرىكىدىكى شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش قارارنامىسى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

باياناتتا، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىشنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتكەن تەقدىردە، بۇنىڭ خىتاي ئىقتىسادىنى زىيانغا ئۇچرىتىش تەسىرىنىڭ چەكلىك بولىدىغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنداق دېيىلدى: «ئەگەر ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى خىتاي مەھسۇلاتلىرىدىن قوشۇمچە تاموژنا بېجى ئېلىش ۋە ئامېرىكىدىكى خىتاي شىركەتلىرىگە ئېمبارگو يۈرگۈزۈش پىلانىنىڭ دائىرىسىنى كېڭەيتسە، بۇ خىتاينىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا ۋە مۇھىم پۇل – مۇئامىلە ئورگانلىرىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدۇ.»

خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا مۇھىم مىقداردا ئېكسپورت قىلىدىغان مەھسۇلاتلىرى ئارىسىدا ياغاچتىن ياسالغان بۇيۇملار، ئۆي جاھازلىرى، ئىشخانا ئۈسكۈنىلىرى، ئائىلە سەرەمجانلىرى، ئېلېكترلىك ئۈسكۈنىلەر، يوللاردا ئىشلىتىلىدىغان ئاپتوماشىنىلار، تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى، گېنېراتور، كىيىم – كېچەك، كەش، ھايۋانات مېيى  قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقى ئەسكەرتىلگەن باياناتتا، بۇنىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ خىتايدىن قىلىدىغان ئىمپورت ئىچىدىكى ئۈلۈشىنىڭ % 15 – 30 ىىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.

باياناتتا، تېلېگراف ئۈسكۈنىلىرى، ئىشخانا ۋە ئېلېكتر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بۇلتۇر خىتاينىڭ ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىغا قىلغان ئېكسپورتىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى سودا سىياسەتلىرىدە مۇداپىئە خاراكتېرلىك تەدبىرلەرنى كۈچەيتكەن تەقدىردە، باشقا دۆلەتلەرنىڭمۇ ئامېرىكىغا قارىتا ئىنتىقام ئېلىش سىياسەتلىرىنى يولغا قويۇش ئېھتىماللىقىنىڭ يۇقىرىلىقى قەيت قىلىنغان باياناتتا، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئاسىيا ئەللىرىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە پۇل – مۇئامىلە جەھەتتىن زىيانغا ئۇچرايدىغانلىقى تەكىتلەندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر