دۇنياغا داڭلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرى تۈركىيەدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنياغا داڭلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرى تۈركىيەدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ.

930529
دۇنياغا داڭلىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرى تۈركىيەدە بىر يەرگە جەم بولىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئېنېرگىيە ۋە تەبىئىي بايلىقلار مىنىستىرى بەرات ئالبايراق ناھايىتى زور ئەھمىيەت بېرىپ كېلىۋاتقان «تۈركىيەنى ئېنېرگىيەنىڭ مەركىزىگە ئايلاندۇرۇش» لايىھەسى دائىرىسىدە يەنە مۇھىم بىر قەدەم تاشلاندى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەر گېئوتېرمال ئېنېرگىيە يىغىنى دائىرىسىدە تۈركىيەگە كېلىدۇ. يىغىنغا 400 دىن ئارتۇق دۇنياغا داڭلىق شىركەتنىڭ مەشھۇر خوجايىنلىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، يىغىندا، گېئوتېرمال سېلىنمىلارنى يەنىمۇ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكۈزۈش، مۇھىم لايىھەلەرنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللاش پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغان لايىھەلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدىغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنىدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر