«خۇداغا يۈز مىڭ شۈكرى، بەختىمىزگە  يارىشا تۈركىيە ئارمىيەسى كەلدى»

«خۇداغا يۈز مىڭ شۈكرى، بەختىمىزگە  يارىشا تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ يەرگە كەلدى. ئاللاھ تۈركىيەدىن رازى بولسۇن!»

926646
«خۇداغا يۈز مىڭ شۈكرى، بەختىمىزگە  يارىشا تۈركىيە ئارمىيەسى كەلدى»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ئەسكەرلىرى جىندەرەستە تېررورچىلاردىن تازىلانغان يېزا ئاھالىسىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تارقاتتى.

تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ سۈرىيەنىڭ ئافرىن رايونىدا بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتلىرى پ ك ك/ك ج ك/ پ ي د – ي پ گ ۋە دائېش تېررورچىلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش، دوست ۋە قېرىنداش رايون خەلقىنى بېسىم ۋە زۇلۇمدىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن 20 – يانۋار كۈنى قوزغىغان «زەيتۇن شېخى» ھەربىي ھەرىكىتى دائىرىسىدە تېررورچىلاردىن تازىلانغان جەندەرەسكە قاراشلىق دېير باللۇت يېزىسى ئاھالىسىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىپ بېرىلدى، خەلنىڭ ئومۇميۈزلۈك سالامەتلىك ئەھۋالى تەكشۈرۈلدى.

يېزا ئاھالىسى  دوختۇرلار ۋە سىستېرالاردىن تەشكىل تاپقان تۈركىيە ئارمىيەسى خادىملىرى بىلەن تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەترەتلىرىنى قىزغىن قارشى ئالدى، دۇئا قىلدى ھەمدە كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتتى.

يېزىدىكى بوش بىر ئۆينى دوختۇرخانا سۈپىتىدە ئىشلەتكەن ھەربىي دوختۇرلار دېير باللۇت يېزىسى ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلاردىن كەلگەنلەرنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى تەكشۈردى.

بالىلارنىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى باشتىن – ئاخىر تەكشۈرگەن ھەربىي دوختۇرلار كېرەكلىك دورىلارنىمۇ ئائىلىلەرگە بەردى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ئەترەتلىرى بولسا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يېزا ئاھالىسىغا بىر – بىرلەپ تارقىتىپ بەردى. ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالغان كەڭ خەلق ئاممىسى كۆزلىرىگە ئىسسىق ياش ئالغان ھالدا خىزمەتچى – خادىملارغا كۆپتىن- كۆپ رەھمەت ئېيتتى ھەمدە مىننەتدارلىق بىلدۈردى .

يېزا ئاھالىسىدىن 75 ياشلىق مۇھەممەد قارا مۇستافا ي پ گ / پ ك ك نىڭ ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ئەھۋاللىرىنىڭ ياخشى، كۆڭۈللىرىنىڭ خاتىرجەم ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ي پ گ / پ ك ك تىراكتورۇمنى، ماللىرىمنى، زەيتۇنلىرىمنى ۋە پۇللىرىمنى تارتىۋالدى، ماڭا ھېچنەرسە قالدۇرماي تاپاق – تەرگىنىمنىڭ ھەممىسىنى ئېلىپ كەتتى، خۇداغا يۈز مىڭ شۈكرى، بەختىمىزگە  يارىشا تۈركىيە ئارمىيەسى بۇ يەرگە كەلدى، ئاللاھ تۈركىيەدىن رازى بولسۇن!»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر