جەنۋەدە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى باشلاندى
شىۋېيتسارىيەنىڭ پايتەختى جەنۋەدە 88 – نۆۋەتلىك ئاپتوموبىل يەرمەنكىسى باشلاندى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەنۋە شەھىرىدىكى Palexpo كۆرگەزمە زالىدا باشلانغان ۋە ئون مىڭغا يېقىن ئاپتوموبىل كۆرگەزمە قىلىنىدىغان يەرمەنكە تەخمىنەن 10 مىڭ ژۇرنالىستغا ساھىبخانىلىق قىلىدۇ.
يېڭى ماركىلىق ۋە ئىلغار ئاپتوموبىللار تەخمىنەن 700 مىڭ زىيارەتچىنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدىغان يەرمەنكە 8 – 18 – مارت كۈنلىرى زىيارەتچىلىرىنى كۈتۈۋالىدۇ.
سۈرئىتى ئەڭ تېز ۋە قىممەت باھالىق ئاپتوموبىللار كۆرگەزمە قىلىنىدىغان 110 مىڭ كىۋاردات مېتىرلىق يەرمەنكە ساھەسىدە ھەرقايسى شىركەتلەر 220 سۇپىدا ئەڭ ئىلغار تېخنولوگىيەلىك مەھسۇلاتلىرىنى تونۇشتۇرۇش پۇرسىتىگە ئېرىشىدۇ.
تۇنجى قېتىملىقى 1905 – يىلى باشلانغان ۋە 1924 – يىلى خەلقئارالىق سالاھىيەتكە ئېرىشكەن 88 – نۆۋەتلىك جەنۋە ئاپتوموبىل يەرمەنكىسىگە تۈرك شىركەتلىرىمۇ قاتنىشىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.