رۇسىيە بىلەن سۈرىيە ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

رۇسىيە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، رۇسىيە بىلەن سۈرىيەنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

901463
رۇسىيە بىلەن سۈرىيە ئېنېرگىيە ساھەسى بويىچە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرلىقى يازما بايانات ئېلان قىلىپ، سۈرىيەدىكى ئېنېرگىيە سىستېمىلىرىنى رېمونت قىلىش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە يېڭىدىن قۇرۇپ چىقىش بويىچە ھەمكارلىق ئورنىتىش كېلىشىمى ئىمزالانغانلىقىنى ئۇقتۇردى.

مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە ئىناۋەتلىك بولىدىغان كېلىشىمنى رۇسىيە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكساندر نوۋاك بىلەن سۈرىيە ئېلېكتىر ئىشلىرى مىنىستىرى مۇھەممەد زۇھەير خاربۇتلىنىڭ ئىمزالىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، نوۋاكنىڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، كېلىشىمدە سۈرىيەدىكى ئېنېرگىيە ئورۇنلىرىنى قايتىدىن جانلاندۇرۇلۇشنىڭ يول خەرىتىسىنىڭ بېكىتىپ چىقىلغانلىقىنى  ئېيتقانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر