ئامېرىكا ئىرانغا تېخىمۇ قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا

ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى نوپۇزىنى يوقىتىش مەقسىتىدە تېھرانغا «تېخىمۇ قاتتىق ئېمبارگو» يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا.

886613
ئامېرىكا ئىرانغا تېخىمۇ قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشكە تەييارلانماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، قوشۇمچە يېقىن شەرق مۇناسىۋەتلىرى مۇئاۋىن مەسئۇلى دەيۋىد ساتتارفېلد بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، ئىراننىڭ سۈرىيەدىكى نوپۇزىنى يوقىتىش ۋە دۆلەتتىكى ئىران قوللاۋاتقان كۈچلەرنى دۆلەتتىن چىقىرىش مەقسىتىدە قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى ھەمدە ئامېرىكا پالاتاسى تاشقى مۇناسىۋەتلەر كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۈرىيەدىكى ئىران كۈچلىرىنى دۆلەتتىن قانداق چىقىرىدىغانلىقىغا ئالاقىدار سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، مۇنداق دېدى: «بۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنىڭ بىرلىكتە ئېلىنىشى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ. ئالدى بىلەن تاشلىنىدىغان تۇنجى قەدەم، ئىراننى ئامېرىكا ۋە ئىتتىپاقداشلىرىمىز تەرىپىدىن فىزىكىلىق ۋاسىتىلەردىن مەھرۇم قالدۇرۇش ۋە ئىرانغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن قاتتىق ئېمبارگو يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت.»

ئۇ، ۋاشىنگتوننڭ سۈرىيە مەسىلىسىدە مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرلىرى رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە چاقىرىلىدىغان «سۈرىيە مىللىي دىيالوگ يىغىنى» غا قارشى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ھەرىكەتكە ئۆتىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىز ئامېرىكا ۋە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بارلىق پائالىيەتلىرىگە قارىتا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋە خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ھەمدە 2254 – نومۇرلۇق قارارنىڭ قانۇنىي كۈچى دائىرىسىدە ھەرىكەت قىلىمىز. بۇنىڭدىن ، سوچىدا رۇسىيەنىڭ چارە باسقۇچىدا ۋەزىيەتنى كونترول قىلىش ۋە ئۆزىنىڭ كۈنتەرتىپى بىلەنلا چەكلىنىشكە قارىتا پائالىيەتلىرىگە چەك قويۇش مەقسەت قىلىنىدۇ. دەرۋەقە، رۇسىيە داۋاملاشتۇرۇۋاتقان چارە باسقۇچىنى قانۇنلاشتۇرالمايمىز ھەم ئۇنداق قىلىش نىيىتىمىزمۇ يوق.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر