يىلدىرىم: تۈركىيە مەزلۇملارنىڭ ھامىيسى

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم تۈركىيەنىڭ پۈتكۈل دۇنيادىكى مەزلۇملارنىڭ ھامىيسى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

874173
يىلدىرىم: تۈركىيە مەزلۇملارنىڭ ھامىيسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:   يىلدىرىم تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە 2018 – يىلىق خامچوت لايىھەسىنىڭ ماقۇللىنىشىدىن كېيىن سۆزلىگەن نۇتىقىدا، تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك بولۇشىنىڭ ناھايىتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «چۈنكى، تۈركىيە دېمەك پەلەسىتن دېمەكتۇر، قۇددۇس دېمەكتۇر، ئاراكان دېمەكتۇر، سومالى دېمەكتۇر، يەمەن دېمەكتۇر. قىسقىسى، تۈركىيە ھەرگىزمۇ يالغۇز ئەمەستۇر. تۈركىيەنىڭ كۈچلۈك بولۇشى دېمەك مەزلۇملارنىڭ كۈچلۈك بولۇشى دېمەكتۇر. دەرۋەقە، تۈركىيە دۇنيادىكى پۈتكۈل مەزلۇملارنىڭ ھامىيسىدۇر.»

تۈركىيەنىڭ 2018 – يىلى سېلىنما ۋە ئېكسپورت ئاساسىدا تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن  يىلدىرىم، تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى ئومۇمىي كېڭىشىدە ماقۇللانغان 2018 – يىللىق خامچوت لايىھەسىنىڭ تۈركىيە ئۈچۈن خەيرلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيەنىڭ 2018 – يىللىق خامچوت لايىھەسى تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىدە 124 كە قارشى 305 ئاۋاز بىلەن قوبۇل قىلىنغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر