روبوتلار كەلگۈسىدە 800 مىليون كىشىنىڭ ئىشسىز قىلىشىغا سەۋەب بولىدۇ
گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ھەر 3 كىشىدىن بىرسىنىڭ روبوتلار سەۋەبىدىىن ئىشتىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: روبوتلارنىڭ 2030 – يىلىغىچە 400 مىليوندىن 800 مىليونغچە بولغان كىشىنىڭ ئىشسىز قىلىشىغا سەۋەب بولىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
مېك كىنسېي يەر شارى ئىنىستېتۇتى تەرىپىدىن 800 كەسىپكە ئالاقىدار 46 دۆلەتتە ئېلىپ بېرىلغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، روبوتلارنىڭ خىزمەتكە سېلىنىشى بىلەن تەڭ ھەر 5 كىشىدىن بىرسىنىڭ خىزمىتىگە تەسىر يېتىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا چىقتى.
روبوتلارنىڭ باي دۆلەتلەردە تېخىمۇ كۆپ ئىشلىتىلىشكە باشلىنىدىغانلىقى ۋە باي دۆلەتلەردە تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ خىزمىتىدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقى تەكىتلگەنگەن مەزكۇر تەتقىقات نەتىجىسىدە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قاتارلىق تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەردە ھەر 3 كىشىدىن بىرسىنىڭ سەلىبىي تەسىرىگە ئۇچرايدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
تەتقىقاتتا يەنە، خەلققە زىيان يەتكۈزمەستىن روبوت ئىنقىلابىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان خىزمەت ساھەلىرىنىڭ مائارىپىغا مەبلەغ سالمىسا بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.