پەمىدۇر رۇسىيەگە دېكابىردىن باشلاپئېكسپورت قىلىنىدۇ
تۈركىيەنىڭ پەمىدۇرى رۇسىيەگە دېكابىردىن باشلاپ ئېكسپورت قىلىنىدۇ.
830558
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە ۋە تۈركىيە ھۆكۈمەتلەرئارا كومىتېتىنىڭ تەڭ ھوقۇقلۇق رەئىسى، رۇسىيە ئېنېرگىيە ئىشلىرى مىنىستىرى ئالېكساندىر نوۋاك تۆت تۈرك شىركىتىگە رۇسىيەگە پەمىدۇر ئېكسپورت قىلىش رۇخسىتى بېرىلگەنلىكىنى ۋە دېكابىردىن باشلاپ تۈركىيەدىن رۇسىيەگە پەمىدۇر ئېكسپورت قىلىنىشقا باشلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
نوۋاك يەنە رۇسىيە ۋە تۈركىيە مەسئۇللىرىنىڭ 21-ئۆكتەبىردە ھۆكۈمەتلەرئارا بىرلەشمە يىغىنىدا رۇسىيەدىن تۈركىيەگە توخۇ، قوي ۋە كالا گۆشلىرى ئېكسپورت قىلىش مەسىلىسىنى مۇزاكىرە قىلىدىغانلىقلىرىنىمۇ سۆزلىرىگە ئىلاۋە قىلدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.