تۈركىيە - ۋېنېزۇئېلا ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى ئەنقەرەدە چاقىرىلدى

دۆلىتىمىز تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىغا ئىشتىراك قىلدى.

821678
تۈركىيە - ۋېنېزۇئېلا ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنى ئەنقەرەدە چاقىرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۇت چاۋۇشئوغلۇ ئەنقەرەدە چاقىرىلغان تۈركىيە – ۋېنېزۇئېلا ھەمكارلىق كومىتېتى يىغىنىدا سۆز قىلىپ، ۋېنېزۇئېلا بىلەن ئىقتىساد، بىخەتەرلىك، ئاشلىق، يېزا ئىگىلىك، چارۋىچىلىق ۋە ساياھەتچىلىك ساھەلىرى بويىچە تۆت تۈرلۈك كېلىشىم تۈزۈلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى / پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسىنىڭ 2016 - يىلى 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي ئىسيان قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئەسناسىدا، ۋېنېزۇئېلا ھۆكۈمىتىنىڭ تۈركىيەنى كۈچلۈك قوللاپ – قۇۋۋەتلىگەنلىكى ئۈچۈن مىننەتدارلىق بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر