« Hepsiburada.com» شىركىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى

تۈركىيەدىكى ئوڭ چوڭ شىركەتلەردىن بىرى بولغان < Hepsiburada.com> نىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى.

821175
« Hepsiburada.com» شىركىتىنىڭ ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيىتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەدىكى ئەڭ چوڭ ئىنتېرنېت مۇلازىمىتى ئارقىلىق سودا – سېتىق قىلىۋاتقان تور بەتلىرىدىن بىرى بولغان « Hepsiburada.com» سېتىش تەكلىپلىرىنىڭ ئېلىنىشى مەسىلىسىدە (Goldman Sachs Group) شىركىتى بىلەن كېلىشىم تۈزدى.

« Bloomberg International» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، « Hepsiburada.com» سېتىش تەكلىپلىرىنى (Goldman Sachs Group) شىركىتىنىڭ ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. دۇنياغا داڭلىق سېلىنما مەسلىھەتچىلىكى ۋە پۇل – مۇئامىلە شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان (Goldman Sachs Group) شىركىتى بۇ كېلىشىم ئارقىلىق « Hepsiburada.com» غا بېرىلىدىغان تەكلىپلەرگە قاراپ چىقىش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدىكەن.

« eBay » گۇرۇھىمۇ 2011 – يىلى « GittiGidiyor» شىركىتىنىڭ% 93 ھەسسىسىنى سېتىۋېلىش ئارقىلىق تۈركىيە بازارلىرىغا كىرگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر