تۈركىيەنىڭ ياردەم قولى مېكسىكىغا يېتىپ باردى

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىۋاتقان تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ ياردەم قولى مېكسىكىغا يېتىپ باردى.

818465
تۈركىيەنىڭ ياردەم قولى مېكسىكىغا يېتىپ باردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جەمئىيەت مېكسىكا قىزىل كىرېست جەمئىيىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، مېكسىكىنىڭ پۇئېبلا ئۆلكىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە تالاپەتكە ئۇچرىغانلارغا 2 مىڭ يېشىكلىك ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرى تارقىتىپ بەردى.

ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم بۇيۇملىرىنى ئاپەتكە ئۇچرىغانلارغا تارقىتىش پائالىيەتلىرىگە تۈركىيەنىڭ مېكسىكىدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى تىمۇر سۆيلمەز ۋە باش ئەلچىخانا خادىملىرىمۇ قاتناشتى.

سۆيلمەز بۇ ھەقتە توختالغاندا، بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈركىيە بايرىقىنى مېكسىكىدىمۇ لەپىلدەتكەنلىكلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، تالائەتكە ئۇچرىغانلارنىڭ تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى قەيت قىلدى.

تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى مەسئۇللىرى مېكسىكىدىكى ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنىڭ ئىزچىل داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

مېكسىكىدا 19 – سېنتەبىر كۈنى يۈز بەرگەن يەر تەۋرەشتە 361 كىشى قازا قىلغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر