رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى

خەلقئارالىق ئېنېرگىيە شىركەتلىرىنىڭ مۇتەخەسسىسلىرىنى ئۇچراشتۇرىدىغان «رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى» پائالىيەتلىرى 3 – 7 – ئۆكتەبىر كۈنلىرى پايتەخت موسكۋادا ئۆتكۈزۈلىدۇ.

818483
رۇسىيە ئېنېرگىيە ھەپتىلىكى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئانادولۇ ئاگېنتلىقىمۇ قوللىغان پائالىيەتلەردە مۇتەخەسسىسلەر تەبىئىي  گاز، كۆمۈر، نېفىت ۋە توك قاتارلىق ساھەلەر بويىچە مۇزاكىرىلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، ئالجىېرىيە، قاتار، ئىران، ۋېنېزۇئېلا قاتارلىق دۆلەتلەر، گازپروم، لۇكوئىل، نوۋاتېك ۋە PDVSA قاتارلىق  دۇنياغا داڭلىق شىركەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەسئۇللىرىدىن باشقا يەنە، نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى مۇھەممەد باركىندومۇ قاتنىشىدىغان پائالىيەتلەر داۋامىدا ۋېنېزۇئېلا پىرېزىدېنتى نىكولاس مادۇرو نۇتۇق سۆزلەيدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر