ئامېرىكا ئىرانغا ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى مەنئىي قىلىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى ئىرانغا سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلانلارنى سېتىپ بېرىشنى مەنئىي قىلىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى.

807089
ئامېرىكا ئىرانغا ئايروپىلان سېتىپ بېرىشنى مەنئىي قىلىش قارارنامىسىنى ماقۇللىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: « The Hill»  نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئاۋام پالاتاسى ئەزاسى پېتېر روسكامنىڭ 2018 – يىلللىق خام چوت لايىھەسى ئۈچۈن سۇنغان تەكلىپى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى تەرىپىدىن ماقۇللانغان بولۇپ، بۇنىڭغا ئاساسلانغاندا، سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلان قاتارلىقلارنى سېتىش ھەمدە چەت ئەل مال – مۈلۈكلىرىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ ئىرانغا ئايروپىلان سېتىشى مەنئىي قىلىنىدىكەن.

روسكام بۇ ھەقتە توختالغاندا بەرگەن باياناتىدا، ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرىيەدە بەششار ئەسەد ھاكىمىيىتىنى قوللاش مەقسىتىدە ئەسكەر ۋە قورال – ياراغلارنى سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلانلار ئارقىلىق يۆتكىگەن ئىرانغا ئايروپىلان سېتىپ بەرمەسلىكى لازىملىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «ئىران ئۇرۇش جىنايەتچىلىرى ۋە تېررورىستلارغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن سودا ئىشلىرىدا ئىشلىتىلىدىغان ئايروپىلانلارنى ئىشلىتىشكە خاتىمە بەرمىگۈچە بەششار ئەسەد بۇ ئايروپىلانلارنى رەھىمسىز ئۇرۇشىنىڭ دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئىشلىتىدۇ، شۇڭا، غەرب شىركەتلىرىنىڭ ئىران ھاۋا يوللىرى شىركىتىگە تېخىمۇ كۆپ ئايروپىلان سېتىپ بېرىشىگە رۇخسەت قىلماسلىق لازىم.»

ئاۋام پالاتاسىنىڭ دېموكراتلار پارتىيەسى ئەزالىرى بولسا قارارنامىنىڭ 2015 – يىلى ئىيۇلدا ئىران بىلەن ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنى خەۋپكە دۇچار قىلىدىغانلىقى توغرۇلۇق ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

روسكامنىڭ بۇلتۇر سۇنغان مەزكۇر تەكلىپكە ئوخشاپ كېتىدىغان تەكلىپلىرى قوبۇل قىلىنغان بولسىمۇ، ئەمما قانۇنلاشمىغانىدى.

ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ترامپ ئىران بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان يادرو كېلىشىمىنى قاتتىق تەنقىد قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر