تۈركىيە يەمەنگە ياردەم بەردى
تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى تەرىپىدىن يەمەنگە ئەۋەتىلگەن تىببىي ياردەملەر دۆلەتنىڭ ۋاقىتلىق پايتەختى ئەدەنگە يېتىپ باردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ھۆكۈمەت قارمىقىدىكى يەمەن ئالىي ياردەم كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى جامال بەلفەقىھ تەرىپىدىن تاپشۇرۇۋېلىنغان 6 كونتېينېرلىق ياردەم كولېرا ۋاباسى، بالىلار كېسەللىكلىرى ۋە دېزىنفىكسىيە دورىلىرى، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 47 توننىلىق تۈرلۈك دورا ۋە تىببىي بۇيۇملاردىن تەشكىل تاپىدۇ.
بەلفەقىھ ياردەم بۇيۇملىرىنى تاپشۇرۇۋالغاندا قىلغان سۆزىدە، تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتىنىڭ يەمەن خەلقىگە قىلغان ياردىمىنىڭ تەقدىرلەشكە ئەرزىيدىغانلىقىنى ئېيتتى ھەمدە ياردەم پائالىيەتلىرى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىيەگە رەھمەت ئېيتتى.
يەمەندىكى تۈركىيە قىزىلئاي جەمئىيىتى ھەيئىتىنىڭ مەسئۇلى مۇستافا ئايدىن بولسا تۈركىيەدىن ئەۋەتىلگەن ياردەملەرنىڭ يەمەن خەلقىگە ئامان – ئېسەن تاپشۇرۇپ بېرىلگەنلىكىدىن تولىمۇ خۇشال ئىكەنلىكلىرىنى تەكىتلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ياردەملەرنىڭ يەمەن خەلقىنىڭ دەرد – ئەلەملىرىگە دەرمان بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.