تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى دۇنيانىڭ ھەۋىسىنى قوزغاۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرى

ھەر تۈرلۈك خىرىس، سۇيىقەست ۋە ھۇجۇملارغا قارىماي 2023 – يىللىق ئىستىراتېگىيەلىك نىشانلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا دلق دۇنيانىڭ ھەۋىسىنى قوزغايدىغان ئالەمشۇمۇل مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ئۈزلۈكسىز داۋاملاشتۇرماقتا.

781716
تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتتىكى دۇنيانىڭ ھەۋىسىنى قوزغاۋاتقان مۇۋەپپەقىيەتلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: بۇ يىلنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە % 5 لىك مۇۋەپپەقىيىتى بىلەن، OECD  ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئىككى ھەسسە ئارتۇق تەرەققىي قىلغان تۈركىيەنىڭ گۈللىنىشىگە مۇناسىۋەتلىك ئىجابىي سىگناللارغا ھەر كۈنى يېڭىلىرى ئىلاۋە قىلىنماقتا.

ئاپرېلدا % 11.87 بولغان، ئىيۇندا % 10.9 غا چۈشكەن پۇل پاخاللىقى، ئىيۇلدا بىر خانا بولۇشى كۈتۈلۈۋاتقان بىر پەيتتە، يانۋاردا % 13 بولغان ئىشسىزلىق نىسبىتى ئاپرېلدا % 10.5 كە تۆۋەنلىدى.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئېلان قىلغان دوكلاتىدا ئەسكەرتىلىشىچە، ئىقتىسادىي ئىشەنچ كۆرسەتكۈچى ئىيۇلدا 3 يېرىم يىلدىن بۇيانقى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەگە يەتكەن، 14 – 21 – ئىيۇل كۈنلىرى چەت ئەللىك ساياھەتچىلەردىن 2.1 مىليارد دوللار كىرىم قىلىنغان بولۇپ، بۇ يېقىنقى 38 ئايدىن بۇيانقى تۈركىيە بازارلىرىنىڭ چەت ئەللىكلىك ساياھەتچىلەردىن قولغا كەلتۈرگەن ئەڭ يۈكسەك سەۋىيە ھېسابلىنىدىكەن.

تۈركىيە ئىستاتىستىكا ئورگىنىنىڭ تۈنۈگۈن ئېلان قىلغان ئىككى دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، تۈركىيە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا بۇنىڭدىن كېيىن داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيدىكەن. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ تاشقى سودا پاسسىپ بالانسى % 9.1 ئاازايغان، ساياھەت كىرىملىرى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى چارىكىدە بۇلتۇرنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، % 8.7 ئېشىپ، 5.4 مىليارد دوللارغا يەتكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر