«قوشناڭنىمۇ ئېلىپ كەل!» سەپەرۋەرلىكى ئۈنۈم ياراتتى

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركلەرگە مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «قوشناڭنىمۇ ئېلىپ كەل! سەپەرۋەرلىكىنى باشلىتىمىز» دېگەن ئىدى.

760921
«قوشناڭنىمۇ ئېلىپ كەل!» سەپەرۋەرلىكى ئۈنۈم ياراتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: 20 مىڭ ساياھەتچى تەتىل ئۈچۈن باشقا مۇھاجىرلارنىمۇ ئېلىپ تۈركىيەگە كېلىدىغان بولدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان چەتئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈرك مۇھاجىرلارغا قارىتا  «قوشناڭنىمۇ ئېلىپ كەل!» سەپەرۋەرلىكى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئەمدىلىكتە سەپەرۋەرلىكنىڭ ئۈنىمى ھەققىدە سانلىق مەلۇماتلار ئايدىڭلاشتى. 

تۈركىيە، گوللاندىيە، گېرمانىيە، فىرانسىيە، ئاۋستېرىيە ۋە شىۋېيېتسارىيەدىن ساياھەتچىلەرنى تەشكىللەيدىغان شىركەتلەر باشقارمىسىنىڭ ئىدارىي ئىشلار باشلىقى قادىر ئۇغۇر ياۋروپادا تۈركىيەنىڭ تەتىل پىلانى سېتىش نىسبىتىنىڭ %38 ئاشقانلىقىنى ئېيتتى.

قادىر ئۇغۇر: «بۇ %38 لىك ئېشىشنىڭ %15 ى <قوشناڭنىمۇ ئېلىپ كەل!> سەپەرۋەرلىكىدىن ھاسىل قىلىنغان ئۈنۈمدۇر. جەمئىي 120 مىڭ ساياھەتچىدىن 20 مىڭ كىشى  <قوشناڭنىمۇ ئېلىپ كەل!> سەپەرۋەرلىكى دائىرىسىدە تۈركىيەگە كەلمەكچى» دېدى.

جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ساياھەت ساھەسى ۋەكىللىرى بىلەن فېۋرالدا ئۆتكۈزۈلگەن كونفېرانستا چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركلەرگە مەخسۇس چاقىرىق ئېلان قىلىپ، «قوشناڭنىمۇ ئېلىپ كەل! سەپەرۋەلىكىنى باشلىتىمىز» دېگەن ئىدى.

ئەردوغان يەنە چەت ئەللەردە تۇرۇشلۇق تۈركىيە پۇقرالىرىنى توي - تۆكۈن ۋە باشقا مۇراسىملىرىنىمۇ تۈركىيەدە ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىق قىلغان ئىدى. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر