«تۈركىيە قاتارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە قامداپ كېلىۋاتىدۇ»

ئىقتىساد ئىشلىرى مىنىستىرى نىھات زەيبەكچى تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە قاتارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە قامداپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

752643
«تۈركىيە قاتارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە قامداپ كېلىۋاتىدۇ»

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: زەيبەكچى بۇرۇندى تاشقى مۇناسىۋەتلەر ۋە خەلقئارا ھەمكارلىق ئىشلىرى مىنىستىرى ئالائىن ئايمې نيامىتۋې بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تاماملانغان سېلىنمىلارنى تەشۋىق قىلىش ۋە ئىزچىللىقىنى ساقلاش كېلىشىمىنىڭ مىنىستىرلىقتىكى ئىمزا مۇراسىمىدىن كېيىن ئېلان قىلغان باياناتىدا، «بۈگۈن تاشقى ئىشلار مىنىستىرىمىز بىلەن بىرلىكتە قاتاردا زىيارەتتە بولىمىز، بۈگۈن كېچىنى قاتاردا تۈرلۈك ئۇچرىشىشلار ۋە خىزمەت پىروگراممىلىرى بىلەن ئۆتكۈزىمىز، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تۈركىيەگە قايتىمىز» دېدى.

قاتارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداش مەسىلىسىدە قانداق خىزمەت ئىشلەشكە توغرا كەلسە تەييار ئىكەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن زەيبەكچى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «تۈركىيە قاتارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى ھازىرغىچە ئەڭ يۈكسەك سەۋىيەدە قامداپ كېلىۋاتىدۇ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر