قاتار OPEC نىڭ قارارىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

قاتار ئېنېرگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سالىھ ئەسسادە نېفىت ئېكسپورت قىىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى (OPEC) نىڭ نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش قارارىغا بويسۇنغانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

750799
قاتار OPEC نىڭ قارارىغا بويسۇنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قاتار ئېنېرگىيە ۋە سانائەت مىنىستىرى مۇھەممەد بىن سالىھ ئەسسادە نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى. باياناتتا، قاتار بىلەن بەزى ئەرەب دۆلەتلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن دىپلوماتىك كىرىزىسنىڭ، قاتارنى نېفىت ئىشلەپچىقىرىشنى ئازايتىش قارارىغا بويسۇنۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمەيدىغانلىقى ئەسكەرتىلدى.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان دۆلەتلەر، مۇناسىۋەتلىك قارار دائىرىسىدە، كۈنلۈك نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىدا 30 مىڭ ۋارىل ئازايتىدۇ.

نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى ماي ئېيىدا خام نېفىت ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى ئازايتىش كېلىشىمىنى 2017-يىلى ئىيۇل ئېيىنىڭ بېشىدىن 2018-يىلى مارت ئېيىنىڭ ئاخىرىغىچە توققۇز ئاي ئۇزارتىش توغرىسىدا قارار چىقارغان ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر