خىتايدا 2030-يىلىغىچە كۆمۈرنىڭ ئورنىنى شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئالىدىكەن

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىگە مەبلەغ سېلىش نەتىجىسىدە 2030-يىلىغىچە 300 مىليون توننىغا باراۋەر كېلىدىغان ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىدىكەن.

711388
خىتايدا 2030-يىلىغىچە كۆمۈرنىڭ ئورنىنى شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسى ئالىدىكەن

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «يېشىل تىنچلىق» تەشكىلاتىنىڭ ئېنېرگىيە ئۆزگىرىشىنى تېزلەشتۈرۈش دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، خىتايدا قايتا قوللانغىلى بولىدىغان ۋە پاكىزە ئېنېرگىيە مەنبەلىرىگە يۈزلىنىش بىلەن بىرلىكتە، ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىش ئىشلىرى يۈز بەرمەكتە ئىكەن.

خىتاينىڭ قايتا قوللانغىلى بولىدىغان ئېنېرگىيە ساھەسىدە 2030-يىلىغىچە %20 ئېشىشنى قولغا كەلتۈرۈش ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلگەن دوكلاتتا، دۆلەتتە شامال ۋە قۇياش ئېنېرگيەسى ساھەسىنىڭ بەش ھەسسە زورىيىدىغانلىقى تەخمىن قىلىندى.

دوكلاتتا يەنە، 2030-يىلىغىچە كۆمۈرنىڭ ئورنىنى شامال ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ ئېلىشى بىلەن مۇھىت ئاسىراشتا قولغا كەلتۈرۈلىدىغان پايدىنىڭ سودا قىممىتىنىڭ 456 مىليارد سوم (يۈەن) غا يېتىدىغانلىقى قەيت قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر