تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى موسكۋا – ئانتاليا سەپەرلىرىنى كۆپەيتتى

تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى موسكۋا – ئانتاليا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانىنى ھەپتىدە 7 گە چىقاردى.

701696
تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى موسكۋا – ئانتاليا سەپەرلىرىنى كۆپەيتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى ئاخبارات ۋاسىتىلىرى مەسلىھەتچىلىكىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھەپتىدە ئىككى قېتىم ئىشقا ئاشۇرۇلۇۋاتقان موسكۋا – ئانتاليا ئايروپىلان سەپەرلىرىنىڭ سانى 26 – مارتتىن ئېتىبارەن 7 گە چىقىرىلغان بولۇپ، شىركەت كېتىش – كېلىش بېلەتلىرىنى يولۇچىلارغا 219 ياۋرودىن باشلانغان باھالاردا سۇنماقتا ئىكەن.

موسكۋادىن ئۇچىدىغان ئەرزان باھالىق بېلەتلەرنى 5 ئاپرېلغىچە سېتىۋالغان يولۇچىلار تۇنجى قېتىملىق ئۇچۇشلىرىنى 24 – ئاپرېلغىچە ئىشقا ئاشۇرۇلايدىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر