ئەنقەرە ساياھەت يەرمەنكىسى ئېچىلدى
2 – قېتىملىق ئەنقەرە ساياھەت يەرمەنكىسى ئەنقەرە سودا - سانائەتچىلەر بىرلىكى زالىدا ئېچىلدى.
697895
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساياھەت ساھەسىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان يەرلىك ۋە چەت ئەل شىركەتلىرىنى ئۇچراشتۇرغان يەرمەنكىنىڭ بۇ يىلقى شەرەپ مېھمىنى دۆلەت شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، شەرەپ مېھمىنى ۋىلايەت بولسا دىيارباقىر بولدى.
تۈركىيەدىن 42 ۋىلايەتتىكى ساياھەت شىركەتلىرىدىن سىرت يەنە، 7 دۆلەتنىڭ ساياھەت شىركەتلىرى ئىشتىراك قىلغان يەرمەنكە ئۇدا 4 كۈن داۋاملىشىدۇ.
يەرمەنكە كارخانىلارغا ئۆزئارا كۈچلۈك مۇناسىۋەت ئورنىتىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.