گازپروم تۈرك ئېقىمى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى – گازپروم ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ئولېگ ئاكسيۇتىن، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى توغرىسىدا توختالدى.

681707
گازپروم تۈرك ئېقىمى قۇرۇلۇشى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: رۇسىيە تەبىئىي گاز سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى – گازپروم ئىدارە ھەيئىتى ئەزاسى ئولېگ ئاكسيۇتىن، تۈرك ئېقىمى تەبىئىي گاز تۇرۇبا لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ دېڭىز قىسمىنى بۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا باشلاشنى پىلانلاۋاتقانلىقلىرىنى بىلدۈردى.

گازپرومنىڭ رۇسىيەنىڭ پايتەختى موسكۋادا چاقىرىلغان بىر يىغىنىدا سۆز قىلغان ئاكسيۇتىن، تۈرك ئېقىمى لايىھەسىنىڭ رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى قۇرۇلۇشىنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ پۈتكەنلىكىنى قەيت قىلدى.

قۇرۇلۇشنىڭ دېڭىز ئاستى قىسمىنىڭ ئالدىمىزدىكى ئايلاردا باشلىنىدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئاكسيۇتىن، «مۇشۇ يىلنىڭ ئىككىنچى يېرىمىدا رۇسىيە تەۋەلىكىدىكى قىسمىنىڭ داۋامى بولغان دېڭىز ئاستى قۇرۇلۇشىنى باشلاشنى پىلانلاۋاتىمىز» دېدى.

تۈرك ئېقىمىنىڭ 31.5 مىليارد كۇب مېتىر تەبىئىي گاز يۆتكەش سىغىمچانلىقىغا ئىگە 900 كىلومېتىرلىق دېڭىزدىن ئاستىدىن ئۆتىدىغان ئىككى قانىتىغا 7 مىليارد ياۋرو چىقىم كېتىدىغانلىقى قەيت قىلىنماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر