گوگۇلنىڭ ماركا قىممىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

ئىنتېرنېت گۇرۇھى ۋە ئىزدەش موتورى گوگۇل، «دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى» تىزىملىكىدە 6 يىلدىن بۇيان بىرىنچىلىكنى ساقلاپ كېلىۋاتقان تېخنولوگىيە گۇرۇھى ئالما شىركىتىنى ئارقىدا قالدۇرۇپ، ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.

664067
گوگۇلنىڭ ماركا قىممىتى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇنغا ئۆتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇستەقىل مەسلىھەت بېرىش شىركىتى «Brand Finance» تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان 2017 – يىللىق دۇنيانىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 500 شىركىتى ناملىق دوكلاتىغا قارىغاندا، گوگۇلنىڭ ماركا قىممىتى ئۆتكەن يىلغا سېلىشتۇرغاندا %24 ئېشىپ، 109 مىليارد 500 مىليون دوللار يەتتى ۋە دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىسىغا ئايلاندى.

بۇ يىل ماركا قىممىتى 107 مىليارد 100 مىليون دوللارغا چۈشۈپ قالغان ئالما شىركىتى بولسا، دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى تىزىملىكىدە ئىككىنچى قاتارغا چېكىندى.

دۇنيانىڭ ئەڭ قىممەتلىك ماركىلىرى تىزىملىكىدە ئامېرىكىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا گۇرۇھى ئامازون بولسا، 106 مىليارد 400 مىليون دوللارلىق ماركا قىممىتى بىلەن بۇنىڭدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچىلىك ئورنىنى ساقلاپ قالدى.

تىزىملىكتە ئامېرىكىنىڭ تېلېكوم گۇرۇھى AT&A تۆتىنچى؛ مىكروسوفت بەشىنچى، سامسۇڭ ئالتىنچى، ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر تېلېكوم شىركىتى ۋېرىزون يەتتىنچى، ۋالمارت سەككىزىنچى، فەيسبۇك توققۇزىنچى ۋە خىتاي سودا – سانائەت بانكىسى ئونىنچى قاتاردىن ئورۇن ئالدى.


خەتكۈچ: #گوگۇل , #ماركا

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر