«شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونلىرىدا 35 مىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى باشلاندى»
باش مىنىستىر يىلدىرىم شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇ رايونلىرىدا 35 مىڭ ئۆي قۇرۇلۇشى باشلانغانلىقىنى ئېيتتى.
660513
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: يىلدىرىم بەشتەپە سارىيىدا مىللەت مەدەنىيەت ۋە يىغىن زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن شەھەرچىلىك يغىنىدا قىلغان سۆزىدە، پەسكەش بۆلگۈنچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پ ك ك نىڭ ئورا كولاش سىياسىتى بىلەن ۋەيران قىلغان شەرقىي جەنۇبىي ئانادولۇدىكى ئولتۇراق رايونلىرىدىكى 35 مىڭ ئۆي قۇرۇلۇشىنىڭ باشلانغانلىقىنى ۋە قۇرۇلۇش ئىشلىرىنىڭ چاقماق تېزلىكىدە داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «بىر يىل ئىچىدە بۇرۇنقىغا قارىغاندا نەچچە ھەسسە ئارتۇق، گۈزەل ۋە بارلىق سەرەمجانلىرى تولۇق بۇ بىنالارنىڭ قۇرۇلۇشىنى تاماملاپ، غەربىي جەنۇبىي ئانادولۇدىكى خەلقىمىزنىڭ خىزمىتىگە سۇنىمىز» دېدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.