ئىسپانىيە پادىشاھى: تۈركىيە ساياھەتتە قايتىدىن گۈللىنىدۇ

ئىسپانىيە پادىشاھى 6 – فېلىپې تۈركىيەنىڭ ساياھەت جەھەتتىن ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە قەددىنى رۇسلاپ، بۇرۇنقى گۈللىنىش مۇساپىسىنى قالغان يەردىن داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

655100
ئىسپانىيە پادىشاھى: تۈركىيە ساياھەتتە قايتىدىن گۈللىنىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا بۇ يىل 37 – قېتىملىقى ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا ساياھەت يەرمەنكىسىدە 164 دۆلەتتىن 125 مىڭ كەسپىي ئىشتىراكچى، 108 مىڭغا يېقىن زىيارەتچىنى كۈتۈۋالغان تۈركىيە سۇپىسى، پادىشاھ 6 – فېلىپې، رەپىقىسى خانىش لېتىزىئا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ساياھەت كومىتېتىنىڭ مەسئۇلى تالىب رىفائى، ئىسپانىيە ئېنېرگىيە ۋە ساياھەت ئىشلىرى ۋەزىرى ئالۋارو نادال ۋە مادرىد ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى كىرىستىنا كىفۇئېنتېس قاتارلىقلارنى مېھمان قىلدى.

يەرمەنكە مۇناسىۋىتى بىلەن مادرىدتا زىيارەتتە بولۇۋاتقان تۈركىيە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى ياردەمچىسى ھۈسەيىن يايمان ۋە تۈركىيەنىڭ مادرىد باش ئەلچىسى ئۆمەر ئۆنھون تەرىپىدىن تۈركىيە سۇپىسىدا قارشى ئېلىنغان پادىشاھ 6 – فېلىپې، تۈركىيە دۇچ كېلىۋاتقان تېررورلۇق ھۇجۇملىرى ۋە قايغۇ – ھەسرەتلىرىنىڭ ئىسپانىيەگە قاتتىق تەسىر قىلغانلىقىنى، ھەمىشە تۈركىيەنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكلىرىنى ئېيتتى.

ھۈسەيىن يايمان ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ بۇ سۆزلىرى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتتى ھەمدە ئۇنىڭغا تۈركىيەدىكى ساياھەت ئىشلىرى تونۇشتۇرۇلغان بىر كىتاب بىلەن لوقۇم ھەدىيە قىلدى.

يايمان ئىسپانىيە ھەيئىتىنىڭ زىيارىتىدىن كېيىن تۈركىيە سۇپىسىدا ئېلان قىلغان ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا مۇنداق دېدى: «زىيارىتى ئۈچۈن پادىشاھ ئالىيلىرىغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز. پادىشاھ ئالىيلىرى بىزگە ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلدى، بۇ ئىسپانىيە ۋە تۈركىيە خەلقلىرى ئوتتۇرىسىدىكى سەمىمىي دوستلۇقنىڭ ئەڭ روشەن نامايەندىسى بولۇپ، ناھايتى زور ئەھمىيەتكە ئىگە. پۈتكۈل دۇنيا تېررورىزمغا قارشى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا ھەرىكەت قىلىشى لازىم. مادرىدنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرى ئىستانبۇلنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىدۇر. ئىستانبۇلنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىمۇ پادىشاھ ئالىيلىرى ئېيتقاندەك مادرىدنىڭ قايغۇ – ھەسرەتلىرىدۇر. نۆۋەتتە تېررور پۈتكۈل جاھانغا تەھدىت سېلىۋاتىدۇ. شۇڭا پۈتكۈل دۇنيا تېررورىزمغا قارشى بىرلىك ۋە باراۋەرلىك ئاساسىدا كۈرەش قىلىشى كېرەك. ئەگەر دۇنيا ۋە ئىنسانىيەت پارىژ، مادرىد، لوندون، بېرلىن ياكى ئىستانبۇلدىكى بىر تېررورلۇق ھۇجۇمىغا توختاپ تۇر دېمىسە، دۇنيانى تېخىمۇ چوڭ خەۋپ كۈتۈۋاتىدۇ دېگەن گەپ.»



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر