داۋوس يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر قاتنىشىدۇ
47 – نۆۋەتلىك دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى يىغىنىغا تۈركىيەگە ۋاكالىتەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك باشچىلىقىدىكى ھەيئەت تۈنۈگۈن (18-يانۋار) داۋوسقا يۈرۈپ كەتتى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى مەھمەت شىمشەك داۋوس يىغىنىغا قاتنىشىدۇ ۋە مۇھىم سۆز قىلىدۇ. ئۇ «سەزگۈر ۋە مەسئۇلىيەتچان رەھبەرلىك»، «20 – گ گۇرۇھى يىغىنىنىڭ كۈنتەرتىپى»، «يېڭى تەرەققىيات يولىنى پىلانلاش»، «سۈرىيە ۋە ئىراق: ئىختىلاپلارنى تۈگىتىش»، «مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك بىلەن سۆھبەت» قاتارلىق كونفېرانسلاردا نۇتۇق سۆزلەيدۇ.
سۈرىيە كىرىزىسى ۋە دۇنيادىكى توقۇنۇشلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن مەسىلىلەر تالاش - تارتىش قىلىنىدىغان داۋوس مۇنبىرىدە، يەر شارى خاراكتېرلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى جانلاندۇرۇش، كاپىتالىزمنى ئىسلاھ قىلىش ۋە 4 – سانائەت ئىنقىلابىغا تەييارلىنىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدىگەن ھالدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلىدۇ.
يىغىنغا، 100 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن 3 مىڭغا يېقىن كارخانىچى، سىياسىيون، ئاكادېمىك ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتنىڭ ۋەكىللىرى ئىشتىراك قىلىدۇ.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.