دۇنيا ئىقتىسادى: تۈركىيەدە خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسى

«دۇنيا ئىقتىسادى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى سانى بويىچە «تۈركىيەدە خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسى» ماۋزۇلۇق تېمىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز.

648976
دۇنيا ئىقتىسادى: تۈركىيەدە خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ئۇل تاشلىرىدىن بىرى بولغان سەرمايە زاپىسىنىڭ ھاسىل قىلىنىشىدا تېجەشچانلىق نىسبىتىنىڭ ئاشۇرۇلۇشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.  بۇنىڭ ئۈچۈن، دۆلەتلەرنىڭ تېجەشچانلىقنى كۈچەيتىدىغان مېخانىزملارنى ئىشقا سېلىشىغا توغرا كېلىدۇ. تېجەشچانلىقنى ئاشۇرىدىغان مېخانىزملارنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا بولسا، خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسى ئورۇن ئالىدۇ. دۇنيانىڭ كۆپلىگەن تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلىتىدىكى خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق فوندىنى تەسەررۇپ قىلىۋاتقان سەرمايە ئورگانلىرى، مۇئەسسەسەلەشكەن مەبلەغ سالغۇچى ئەۋزەللىكىگە ئىگە بولغانلىقى ۋە بازارلارنى ئۇزۇن مۇددەتلىك فوندى بىلەن تەمىنلىيەلەيدىغان فونكىسىيونى بولغانلىقى ئۈچۈن، ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.

تەرەققىي تاپقان ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەردە شەخسلەرنىڭ كىرىمى ياخشى پەيتلىرىدە مۇنتىزىم تېجەشچانلىق يولىنى تۇتۇپ، تېجىگەن مەبلىغىنى بىرىكتۈرۈشى ۋە پىنسىيونېرلىقتا قوشۇمچە كىرىمغا ئىگە بولۇشىنى نىشان قىلىدىغان قۇرۇلما _ خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسى، دەپ ئاتىلىدۇ. تەرەققىي تاپقان ئەللەرگە قارالغىنىدا، تېجەشچانلىق نىسبىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرىنىڭ خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسى ئىكەنلىكى نامايان بولماقتا. ئۇنىڭ ئۈستىگە، قەرەللىك سەرمايە كىرىشلىرىگە قاراشلىق كۆپلىگەن تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەت ئىقتىسادى، خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسى سايىسىدا ھەم شەخسلەرنىڭ پىنسىيونېرلىق مەزگىلىدىكى باياشاتلىق سەۋىيەسىنى يۇقىرى كۆتۈرمەكتە ھەم يىغىلغان فوندى ئارقىلىق ئىقتىسادقا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە مەنبە ياراتماقتا.

خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسىنىڭ تەتبىقلىنىش شەكلى دۆلەتتىن دۆلەتكە پەرقلىنىدۇ. مەزكۇر سىستېما، بەزى ئەللەردە ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ تولۇقلىغۇچىسى سۈپىتىدە رول ئوينىسا، يەنە بەزى ئەللەردە، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك سىستېمىسىغا بەدەل بىر قۇرۇلما سۈپىتىدە ئالدىمىزغا چىقىدۇ. خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسى، ئانگلو – ساكسون مودېلى بىر خىل سىستېما بولۇپ، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترىيە ۋە گوللاندىيە قاتارلىق ئەللەردە ئۇتۇقلۇق شەكىلدە داۋاملاشتۇرۇلماقتا.

خىتاي ئىقتىسادىدىكى تېجەشچانلىق نىسبىتىنىڭ %50 دىن يۇقىرى بولۇشى، دۆلەتتە سېلىنىدىغان مەبلەغلەرنى ئاساسلىقى تېجەشچانلىق ئارقىلىق قولغا كەلتۈرۈشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشنى نىشان قىلىدۇ. بۇ، تۈركىيەگە ئوخشاش مەبلەغ سېلىشقا ھەۋەسمەن، بىراق مالىيە جەھەتتە قىيىنچىلىق تارتىۋاتقان دۆلەتلەر ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىمدۇر. ئىقتىسادىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىۋاتقان تۈركىيە، سەرمايە زاپىسى نۇقتىسىدىن سىرتقا قاراشلىقتۇر. بۇ بېقىندىلىق بىلەن بىرگە، دۆلەتتىكى تېجەشچانلىق نىسبىتىمۇ خېلى كۆپ دۆلەتكە سېلىشتۇرغاندا تۆۋەندۇر.

بۇ نۇقتىدا، 2003 – يىلى باشلانغان، 2017 – يىلى 1 – يانۋاردىن تارتىپ مەجبۇرىي ھالغا كەلتۈرۈلگەن خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسى، تۈركىيەدە تۆۋەن بولۇۋاتقان تېجەشچانلىق نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشتە مۇھىم مېخانىزملىق رولىنى ئوينايدۇ. سىستېمىغا كىرىش شەكلى بەزى دۆلەتلەردە مەجبۇرىي بولسا، يەنە بەزى دۆلەتلەردە كىشىلەرنىڭ ئىختىيارىغا قويۇپ بېرىلگەندۇر. تۈركىيە ئىقتىسادىنىڭ ساقلىنىۋاتقان ئەڭ ئېغىر مەسىلىلىرىنىڭ بىرى بولغان قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات يېتەرسىزلىكىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى تۆۋەن تېجەشچانلىق نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش مەقسىتىدە باشلانغان خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسىنىڭ تۈركىيەدە مەجبۇرىي ھالەتكە كەلتۈرۈلۈشى مۇۋاپىق كۆرۈلدى. بۇنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى، دۆلەت ئىچىدىكى تېجەشچانلىقنى ئاشۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش، خۇسۇسىيلارنىڭ مۇنتىزىم ھالدا پۇل بىرىكتۈرۈپ، خىزمەت قىلىۋاتقان مەزگىلىدىكى تۇرمۇش سەۋىيەسىنى پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ داۋاملاشتۇرۇشلىرىنى ۋە بىرىكتۈرۈلگەن مەبلەغنىڭ دۆلەت ئىقتىسادىغا سېلىنما ۋاسىتىسى بولۇپ قايتىشىنى كۈچكە ئىگە قىلىشتۇر.

تۈركىيەدە تەتبىقلىنىشقا باشلىغان مەجبۇرىي تۈستىكى خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتلىنىش ئۇسۇلىغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا بولسا، 1972 ۋە  ئۇنىڭدىن كېيىن دۇنياغا كەلگەن خىزمەتچىلەرنىڭ سىستېمىغا كىرگۈزۈلىدىغانلىقى كۆرۈلمەكتە. يەنى 45 ياشتىن تۆۋەن خىزمەتچىلەر خۇسۇسىي پىنسىيونېرلىق سىستېمىسىغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلىدۇ. بۇ مەنىدە، سىستېمىغا 14 مىليوندىن ئارتۇق ئىشچى – خىزمەتچىنىڭ قېتىلىشى كۈتۈلمەكتە. خۇسۇسىيلارنىڭ مائاشلىرىدىن تۇتۇۋېلىنىدىغان ئەڭ تۆۋەن مىقدارنىڭ 53 تۈركىيە لىراسى، ئەڭ يۇقىرى مىقدارنىڭ 340 تۈركىيە لىراسى بولىدىغانلىقى ئۇقتۇرۇلدى. سىستېمىغا كىرگەن خىزمەتچىلەرگە يەنە ئىككى ئاي ئىچىدە ۋاز كېچىش ھوقۇقى بېرىلىدۇ. دۆلەتنىڭ سىستېمىغا كىرگەن ھەر بىر كىشىگە قاتنىشىش پۇلىنىڭ %25 ىچىلىك قوشۇمچە پۇل بېرىشى ۋە بۇنىڭغا قوشۇمچە قىلىپ 1000 تۈركىيە لىراسى بېرىدىغان بولۇشىمۇ ھەم شەخسلەرنىڭ كېلەچەكتە ياخشى تۇرمۇش كەچۈرۈشىنى قولغا كەلتۈرۈش ھەم تېجەشچانلىقىنى كۈچەيتىش يولىدا تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ھېسابلىنىدۇ.

تېجەشچانلىق نىسبىتىدىكى يۈكسىلىش، ئىقتىسادىي مۇقىملىق ۋە ئېشىش نۇقتىسىدىن ناھايىتى مۇھىمدۇر. سىستېما بىلەن بىرلىكتە يۇقىرى كۆتۈرۈلىدىغان تېجەشچانلىق نىسبىتى؛ چوڭ ھەجىملىك ئۈستقۇرۇلما قۇرۇلۇشلىرىنىڭ پۈتكۈزۈلۈشىدە ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ.  ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئېشىشتىكى مۇقىملىقنىڭ ئىزچىللىقىنى ساقلاش يولىدىمۇ مۇھىم بىر قەدەم تاشلانغان بولىدۇ. بۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان ناھەق ھالدا تۈركىيەنىڭ كىرېدىت نومۇرىنى تۆۋەنلىتىپ كېلىۋاتقان، پۇرسەت تاپسىلا سۆز – چۆچەك تارقىتىشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان كىرېدىتنى دەرىجىگە ئايرىش ئورگانلىرى ئىلگىرى سۈرۈپ كېلىۋاتقان تۆۋەن تېجەشچانلىق نىسبىتىنىڭ بۇ سىستېما ئارقىلىق ھەل قىلىنىدىغان بولۇشىمۇ، تۈركىيە ئىقتىسادى نۇقتىسىدىن ئىنتايىن مۇھىم ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر