ئۆزبېكىستان بەزى مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ قارارنامە ئىمزالاپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەت تەرىپىدىن قويۇلغان بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا دائىر چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى.

648202
ئۆزبېكىستان بەزى مەھسۇلاتلارغا قويۇلغان ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۆزبېكىستان، ئاشلىق، گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، شېكەر، ئۆسۈملۈك يېغى، تېرە ۋە يىپەك خام ماددىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىنىشىغا رۇخسەت قىلدى.

ئۆزبېكىستان پىرېزىدېنتى شەۋكەت مىرزىيايېۋ قارارنامە ئىمزالاپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۆلەت تەرىپىدىن قويۇلغان بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشىغا دائىر چەكلىمىلەرنى بىكار قىلدى.

پىرېزىدېنت مىرزىيايېۋ تەرىپىدىن ئىمزالانغان قارارنامەدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئېكسپورت چەكلىمىسى قويۇلغان دانلىق مەھسۇلاتلار، ئۇن ۋە ئۇن مەھسۇلاتلىرى، كالا ۋە توخۇ گۆشى، گۆش ۋە سۈت مەھسۇلاتلىرى، شېكەر، ئۆسۈملۈك يېغى، تېرە، پەلتو ۋە يۇڭ خام ماددىلىرى، قەدىمىي ئەشيالار، رەڭلىك مېتال قالدۇقلىرى، پىلە ۋە يىپەك خام ماددىلىرى بىلەن يىپەك قالدۇقلىرى، پىلاستىك ماركا قالدۇقلىرى قاتارلىقلارنى بۇنىڭدىن كېيىن چەت ئەلگە ئېكسپورت قىلىشقا بولىدىكەن.

مەزكۇر مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئېكسپورت قىلىنىدىغانلىقىغا دائىر كېلىشىم دۆلەت تاموژنا ئىدارىسىغا تەقدىم قىلىنىشى شەرت ئىكەن. قارارنىڭ دۆلەت تەۋەلىكىدىكى تەشەببۇسكارلارنى قوللاپ – قۇۋۋەتلەش ۋە سودا ھاياتىنى جانلاندۇرۇش مەقسىتىدە چىقىرىلغانلىقى قەيت قىلىندى.

ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن ئىلگىرى قارار ماقۇللاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە ياكى دۆلەت تەۋەلىكىدە ئىشلەپچىقىرىلغان ۋە دۆلەتنىڭ ئىچكى ئېھتىياجىغا ئاران يېتىدىغان مەھسۇلاتلارنىڭ چەتكە ئېكسپورت قىلىنىشىغا چەكلىمە قويغانىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر