فورد گۇرۇھى مېكسىكىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى

ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن بولغان فورد گۇرۇھى مېكسىكغا مەبلەغ سېلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى.

643670
فورد گۇرۇھى مېكسىكىغا مەبلەغ سېلىش پىلانىدىن ۋاز كەچتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرى بويىچە ئاپتوموبىل سانائىتىدە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرىدىغان فورد گۇرۇھى، مېكسىدىكى 1 مىليارد 600 مىليون دوللارلىق سېلىنمىسىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇۋېتىشنى پىلانلىماقتا.

فورد گۇرۇھى مەسئۇللىرىدىن مارك فېلدس مېكسىكىغا مەبلەغ سېلىشنىڭ ئورنىغا فورد گۇرۇھىنىڭ باش مەركىزى بولغان ئامېرىكىنىڭ مىچىگان ئىشتاتىدا 700 مىليون دوللارلىق  مەبلەغ سالىدىغانلىقىنى ۋە بۇ لايىھەنىڭ 700 كىشىگە ئىش پۇرسىتى يارىتىپ بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

فورد مېكسىكىغا مەبلەغ سېلىشتىن ۋاز كېچىدىغانلىقىنى جاكارلىدىغاندىن كېيىن فوردنىڭ پايچىك قىممىتى نىيۇيورك پايچىك بازىرىدا %3.3 ئۆسكەن بولسا، مېكسىكا پۇلى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ قىممىتى ئالدىدا %0.8 چۈشۈپ كەتتى.

ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن سايلانغان پىرېزىدېنتى دونالد ترامپ، سايلام سەپەرۋەرلىك پائالىيىتى جەريانىدا فورد قاتارلىق بەزى چوڭ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئامېرىكا سىرتىدا ئىشلەپچىقىرىش ئېلىپ بېرىشىنى قاتتىق تەنقىدلىگەن بولۇپ، بۇ شىركەتلەرنىڭ ئامېرىكىغا قايتىپ مەملىكەت ئىچىدە يېڭى ئىش پۇرسەتلىرى يارىتىشى كېرەكلىكىنى ئېيتقانىدى.

مۇتەخەسسىلەر ترامپنىڭ ئىقتىسادىي سىياسەتلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، ئەركىن بازارغا ئارىلىشىشىنىڭ ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي ۋە بازارلىرىغا سەلبىي تەسىر ئېلىپ كېلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈرۈپ ئاگاھلاندۇرماقتا.

بۇنىڭدىن سىرت، 20-ئەسىرنىڭ بېشىدىن باشلاپ ئامېرىكىنىڭ ئاپتوموبىل مەركىزى ھېسابلىنىدىغان مىچىگان ئىشتاتىدا، 1970-يىللاردىن باشلاپ ئامېرىكا شىركەتلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى ئەرزان ئەمگەك كۈچى سەۋەبىدىن مېكسىكا، جەنۇبىي ئامېرىكا ۋە ئاسىياغا يۆتكىشى نەتىجىسىدە ئىشسىزلىق ئېشىشقا باشلىدى. مىچىگان ئىشتاتىنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان دېترويت بولسا 2013-يىلى ۋەيران بولغانلىقىنى جاكارلىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر