ئەنگلىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتىنىڭ ئايروپىلان خادىملىرى ئىش تاشلاش قارارى ئالدى
ئەنگلىيە ھاۋا يوللىرى شىركىتى (British Airways) نىڭ ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ % 15 تىنى تەشكىل قىلىدىغان ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئىش تاشلاش قارارى ئالدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تەخمىنەن 2 مىڭ 500 ئايروپىلان خادىمىغا ۋەكىللىك قىلىدىغان « The Unite» ئىسىملىك ئۇيۇشما تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان باياناتتا، روژدېستۋو بايرىمى ھارپىسىدا ئىش تاشلاش قارارى ئېلىنغانلىقى ئەسكەرتىلدى.
باياناتتا يەنە، ئۇيۇشمىنىڭ شىركەتنىڭ ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ مائاشىنى % 2 ئۆستۈرۈپ بېرىش تەكلىپىنى قوبۇل قىلمىغانلىقى، شىركەت ئايروپىلان خادىملىرىنىڭ يىللىق تاپاۋىتىنىڭ 21 – 25 مىڭ پوند ستېرلىڭ ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرغان بولۇشىغا قارىماي، خادىملارنىڭ قولىغا يىلىغا پەقەت 12 مىڭ پوند ستېرلىڭ تەگكەنلىكى، ئەگەر شىركەت بۇ ھەقتە ئۇيۇشما مەسئۇللىرى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزمىگەن تەقدىردە، 2 مىڭ 500 ئايروپىلان خادىمىنىڭ 21 – دېكابىردىن باشلاپ ئىش تاشلايدىغانلىقى قەيت قىلىندى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
گوللاندىيەنىڭ ساياھەت پاراخوتى ئالانياغا كەلدى
گوللاندىيەنىڭ «ئوستېردام» ناملىق ساياھەت پاراخوتى ئانتاليا ۋىلايىتىنىڭ ئالانيا ناھىيەسىگە كەلدى.