گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

مالىيە كىرىزىسىغا دۇچ كەلگەن گىرېتسىيەدە مىڭلارچە كىشى ھۆكۈمەتنىڭ ئىقتىسادنى تەسەررۇپ قىلىش تەدبىرلىرىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزدى.

591836
گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەتكە قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پايتەخت ئاتىنا (ئافىنا) نىڭ سىتاگما مەيدانىدىكى پارلامېنت بىناسىنىڭ ئالدىغا توپلانغان 7 مىڭغا يېقىن ئادەم، ھۆكۈمەتنىڭ ئەمگەك قانۇنىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈردى.

كۈرەشچى ئەمگەكچىلەر فىرونتىنىڭ چاقىرىقىغا ئاساسەن يىغىلغان نامايىشچىلار، پېنسىيونېرلار ۋە ئەمگەكچىلەرنىڭ مائاشلىرىنى قىسقارتىش پىلانىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، تۆۋەن مائاش سىزىقىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى تەلەپ قىلدى.

گىرېتسىيەدە ھۆكۈمەت بىلەن خەلقئارا كىرېدىت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەرنىڭ ۋەكىللىرى بۇ ھەپتە يىغىن چاقىرىپ، ئەمگەك قانۇنىغا كىرگۈزۈلىدىغان ئۆزگەرتىشلەر ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ئىقتىسادنى تەسەررۇپ قىلىشنىڭ يېڭى چارە – تەدبىرلىرى ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزىدۇ.

كىرېدىت بىلەن تەمىنلىگۈچىلەر، كوللېكتىپ ئەمگەك توختامنامىلىرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلۈشىنى ۋە خىزمەتتىن بوشىتىش جەريانىنىڭ ئاسانلاشتۇرۇلۇشىنى تەلەپ قىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر