تۈرك ھۆددىگەرلەر بەھرەيىندە چوڭ بىر شەھەرنى ياساپ چىقىدىغان بولدى

تۈرك ھۆددىگەرلەرنىڭ بەھرەيىندە 20 مىڭ قورو جاينى ياساشنى ھۆددىگە ئالغانلىقى چوڭ بىر ئۇتۇق دەپ قارالماقتا.

584158
تۈرك ھۆددىگەرلەر بەھرەيىندە چوڭ بىر شەھەرنى ياساپ چىقىدىغان بولدى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈرك ھۆددىگەرلەر بەھرەيىندە 20 مىڭ ئائىلە قورونى ئۆز ئىچىگە ئالغان چوڭ بىر شەھەرنى قۇرۇپ چىقىشقا تەييارلىق قىلماقتا.

تاشقى ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر ئورگىنى «DEİK» تەرىپىدىن باشلانغان «مەبلەغچىلەرگە مەلۇمات بېرىش سەپىرى» دائىرىسىدە 15 كىشىلىك ھەيئەت بەھرەيىننى زىيارەت قىلدى.

بەھرەيىن قۇرۇلۇش ئىشلىرى مىنىسىتىرى باسىم بىن ياقۇب ئەل ھەمەر بىلەن ئېلىپ بېرىلغان ئۇچرىشىشتا تۈرك ھۆددىگەرلەرنىڭ 20 مىڭ ئائىلە قورو ياشاپ بېرىشى تەلەپ قىلىندى.

بەھرەيىندە تۈرك ھۆددىگەرلەر تەرىپىدىن ياسىلىدىغان ئائىلە قورولارنىڭ ھەر بىرى ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ 200 كۇۋادرات مېتىر كېلىدۇ. بۇ لايىھەنى ئۇچ ئېغىزلىق ئۆي بويىچە ھېسابلىغاندا 40 مىڭ ئائىلە قوروغا ئىگە بىر شەھەر قۇرۇلۇشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. شۇنداق قىلىپ تۈرك ھۆددىگەرلەر بەھرەيىنگە كاتتا بىر شەھەرنى ياساپ بېرىدىغان بولدى.

بەھرەيىن 1 يېرىم مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بىلەن تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل، ئەنقەرە، ئىزمىر، بۇرسا، كونيا، غازىئانتەپ، شانلىئۇرفا، كوجائەلى، مەرسىن، دىيارباكىر ۋە ھاتاي قاتارلىق 13 ۋىلايىتىدىنمۇ كېچىك بىر دۆلەت ھېسابلىنىدۇ.

تۈركىيەگە سېلىشتۇرغاندا نوپۇسى بۇنچە ئاز بىر دۆلەتتە 20 مىڭ قورو جاينى ياساشنى ھۆددىگە ئالغانلىقى تۈرك ھۆددىگەرلەرگە نىسبەتەن چوڭ بىر ئۇتۇق ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر