خىتاي – تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى كېلىشىمى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

خىتاي – تۈركىيە ئوتتۇرىسىدا يادرو ئېنېرگىيەسىدىن تىنچلىق مەقسىتىدە پايدىلىنىش نىشان قىلىنغان ھەمكارلىق كېلىشىمى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى.

564406
خىتاي – تۈركىيە يادرو ئېنېرگىيەسى كېلىشىمى رەسمىي گېزىتتە ئېلان قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي بىلەن تۈركىيە 2012 – يىلى ئىمزالىغان كېلىشىم مىنىستىرلار كېڭىشى تەرىپىدىن تەستىقلاندى.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، بۇ كېلىشىم ئارقىلىق ئىككى دۆلەت يادرو ئېلېكتر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇش، لايىھەلەش ۋە كانلاردىن يادرو مىنېراللارنى چىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردە ھەمكارلىق ئورنىتالايدىكەن.

كېلىشىمنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ 20 – گ گۇرۇھى يىغىنى ئۈچۈن خىتايدا زىيارەت بولۇۋاتقان بىر پەيتتە ئېلان قىلىنىشى دىققەت قوزغىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر