تۈركىيە-رۇسىيە سېلىنما فوندى 2017-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلىدۇ
رۇسىيە بىۋاستە سېلىنما فوندىنىڭ رەئىسى كىرىل دمىترىيېۋ تۈركىيە بىلەن رۇسىيەنىڭ ئورتاق سېلىنما فوندىنىڭ 2017-يىلى ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈش مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: كىرىل دمىترىيېۋ رۇسىيەنىڭ ۋلادىۋوستوك شەھىرىدە مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، تۈركىيەنىڭ ئاكتىپ شەكىلدە سېلىنما ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش باسقۇچىغا كىرگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«بۇ سەۋەبتىن، تۈركىيە بايلىق فوندى تەييار ۋە بۇ فوند رۇسىيە-تۈركىيە فوندىنىڭ شېرىكى بولىدۇ.»
تۈركىيە-رۇسىيە مۇناسىۋەتلىرى نورماللىشىش باسقۇچقا كىرىشى بىلەن تەڭ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئورتاق فوند قۇرۇش مەسىلىسىمۇ قايتىدىن كۈنتەرتىپكە كەلگەن ئىدى. تۈركىيە ئىقتىساد مىنىستىرى نىھات زەيبەكچىمۇ تۈركىيە-رۇسىيە ئورتاق سېلىنما فوندىنىڭ ئاككۇيۇ يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا شېرىك بولۇش مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
شىمشەك: يەرشارى مەبلەغ سالغۇچىلىرى تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي پىلانىغا ئىشىنىدۇ
مىنىستىر مەھمەت شىمشەك ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىدىكى زىيارىتى ھەققىدە TRT گە بايانات بەردى.