ب د ت ساياھەت تەشكىلاتى ساياھەتچىلەرنى تۈركىيەگە بېرىشقا چاقىردى

ب د ت ساياھەت تەشكىلاتى خەلقئارالىق ساياھەتچىلەرنى تۈركىيەگە بېرىپ، ساياھەت قىلىشقا چاقىردى.

535813
ب د ت ساياھەت تەشكىلاتى ساياھەتچىلەرنى تۈركىيەگە بېرىشقا چاقىردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى نابى ئاۋجى ئىسپانىيەنىڭ پايتەختى مادرىدتا ئىسپانىيە دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ئىسابېل بوررېگو ۋە دۇنيا ساياھەت تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى تالىب رىفائى بىلەن كۆرۈشتى.

ئاۋجى بىلەن رىفائى تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى قوللاش مەقسىتىدە ھازىرلانغان كېلىشىم لايىھەسىنى ئىمزالىدى.

رىفائى تۈركىيەنىڭ ساياھەت رايونلىرىنىڭ دۇنيانىڭ مەركىزىگە جايلاشقانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «تۈركىيە دۇنيادىكى بارلىق ساياھەتچىلەر ۋە زىيارەتچىلەرنى ھەردائىمقىغا ئوخشاشلا ھازىرمۇ سەمىمىي بىر شەكىلدە قارشى ئېلىشقا تەييار. 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، بىزنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشىمىز، تۈركىيەنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى قوللاشتۇر.»

مىنىستىر ئاۋجى كېلىشىم لايىھەسىنىڭ مەۋجۇت ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىش تەدبىرلىرى ۋە تەكلىپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

ئىگىلىنىشىچە، تۈركىيە قۇرغۇچى ئەزاسى بولغان ب د ت ساياھەت تەشكىلاتىغا 154 دۆلەت ئەزا ئىكەن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر