مەھمەت شىمشەك: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئۇلى مۇستەھكەم

مۇئاۋىن باش مىنىستىرمەھمەت شىمشەك تۈركىيەنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە نورمال ۋەزىيەتكە قايتقانلىقىنى بىلدۈردى.

531643
مەھمەت شىمشەك: تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي ئۇلى مۇستەھكەم

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: مۇئاۋىن باش مىنىستىر مەھمەت شىمشەك تۈركىيە خەلقى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغان ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنۇشىدىن كېيىن، تۈركىيەنىڭ تېز سۈرئەتتە نورمال ۋەزىيەتكە ئۆزگەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ: «دۆلىتىمىزنىڭ ماكرو ئىقتىساد ئاساسى مۇستەھكەم. كېرەكلىك زۆرۈر تەدبىرلەرنىڭ ھەممىسىنى ئالدۇق، ئارتۇقچە قايغۇرۇشقا كېرەك يوق» دېدى.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر نۇرەتتىن جانىكلىمۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، مۇنداق دېدى:

«پاي چېكى بازارلىرىمىز ۋە بانكىلىرىمىز ئوچۇق. ئىستانبۇل ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ساقلاش بانكىسى، مەركىزىي رويخەتكە ئېلىش تەشكىلاتى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇۋاتىدۇ. قىسقىسى، بارلىق سىستېمىلار ئوچۇق، ھەممە ئىش نورمال ۋەزىيىتىنى ساقلاۋاتىدۇ.»

ئۇ تۈركىيە جۇمھۇرىيەتى مەركىزىي بانكىسى(TCMB) نىڭ ئۇقتۇرۇشىدا، پۇل – مۇئامىلە بازارلىرىنىڭ پائالىيىتىنى تېخىمۇ كۈچلۈك داۋاملاشتۇرۇشى مەقسىتىدە بەزى تەدبىرلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «مەركىزىي بانكىسى ھەرقايسى بانكىلارنى كېرەكلىك كىرىدېتلار بىلەن چەكسىز مىقداردا  تەمىنلەشنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ» دېدى.

تۈركىيە بانكىلار بىرلىكى (TBB) مۇدىرىيەتىنىڭ باشلىقى ھۈسەيىن ئايدىن بانكىچىلىق ساھەسىدە ئالاھىدە تەدبىر يولغا قويۇشقا تېگىشلىك ئەھۋالنىڭ يوقلۇقىنى بىلدۈردى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر