تۇنجى ئەرەب ساياھەت كارۋىنى سامسۇندا

ئىيوردانىيەدىن سامسۇنغا بىۋاسىتە ئۇچۇشلارنىڭ باشلىنىشى بىلەن بىرلىكتە پايتەخت ئامماندىن كەلگەن 95 كىشىلىك ئەرەب ساياھەت كارۋىنى سامسۇن ئايرودۇرۇمىغا قوندى.

530080
تۇنجى ئەرەب ساياھەت كارۋىنى سامسۇندا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: . تۇنجى قېتىم قارادېڭىزدىكى سامسۇنغا كەلگەنلىكلىرىنى ئەسكەرتكەن ساياھەتچىلەر: قارادېڭىز رايونىنىڭ گۈزەللىكىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بۇ يەرگە كېلىشنى قارار قىلدۇق. تۈركىيە مۇسۇلمان بىر دۆلەت بولۇپ، بىزگە ئىنتايىن يېقىن، ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەدەنىيەلىرىمىزمۇ ئوخشاش. ئىيوردانىيە تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەتلەرنىڭ تارىخى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلىدۇ. بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمىز ئۈچۈن ئۆزىمىزنى تولىمۇ بەختلىك ھېس قىلىمىز دېدى. ئەرەب ساياھەتچىلەر ئىيوردانىيەدىكى دوستلىرىغىمۇ سامسۇنغا كېلىشىنى تەۋسىيە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى. سامسۇندىن كېيىن ئوردۇ ۋىلايىتىگىمۇ بىۋاسىتە ئۇچۇشلارنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشى كۈتۈلمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر