ترامپ يەھۇدىي بايلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىدى
جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسى پىرېزىدېنت نامزاتى دونالد ترامپ قاتتىق ئۇسلۇبتىكى باياناتلىرى ۋە سەلبىي سۆزلىرى سەۋەبىدىن ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان يەھۇدىي بايلارنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىشقا باشلىدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئامېرىكىلىق يەھۇدىيلارنىڭ مۇھىم ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن بىرى بولغان «‹ Forward › گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان بىر ماقالىدە ئەسكەرتىلىشىچە، تراپمنىڭ بولۇپمۇ كۆچمەنلەر ۋە ئاز سانلىقلارغا قارىتا قاتتىق ئۇسلۇبتىكى باياناتلىرى ئۇنىڭغا ئىقتىسادىي جەھەتتىن ياردەم بېرىۋاتقان يەھۇدىي بايلارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن، ئۇلار تراپمنى قوللاش ياكى قوللىماسلىق مەسىلىسىدە ئىككىلىنىپ قالغان.
Nathan Guttman قەلەم تەۋرەتكەن ماقالىدە تەكىتلىنىشىچە، ھەر قېتىملىق سايلامدا قانچە ئون مىليون دوللارلىق ئىئانە قىلىدىغان يەھۇدىي بايلار تراپمقا 100 مىليون دوللار ئىئانە قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىغان Sheldon Adelson قاتارلىق بىرقانچە بايدىن باشقا يەھۇدىي كارخانىچىلار ئۇنىڭغا پۇل ئىئانە قىلمىغان.
ئىگىلىنىشىچە، تەييارلىق سايلىمى مەزگىلىدە رەقىبلىرىنى يېڭىپ چىققان تراپمنىڭ جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ پىرېزىدېنت نامزاتى بولۇشى ئۈچۈن، ئالدى بىلەن، پارتىيەسىنىڭ 18 – 21 ئىيۇل كۈنلىرى Cleveland شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغان قۇرۇلتىيىدا كۆپ ساندىكى ۋەكىللەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشى شەرت ئىكەن.