ئۇكرائىنا رۇسىيەدىن گاز سېتىۋالمايدۇ
ئۇكرائىنا نافتو (Naftogaz ) تەبىئىي گاز شىركىتى رۇسىيە گازپروم شىركىتى تەكلىپ قىلغان باھادىن گاز سېتىۋالمايدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئۇكرائىنا نافتوگاز سودا تەرەققىيات مۇدىرى يۇرى ۋىترېنكو فەيسبۇكتا ئېلان قىلغان باياناتىدا، رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقىنىڭ تەبىئىي گاز باھا تەكلىپىنى قىممەت كۆرگەنلىكلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ: «رۇسىيە ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى گازپرومنىڭ يىلنىڭ 3 – چارىكىدە گاز باھاسىنىڭ 177 دوللار بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى. بۇ باھا باشقا تەڭشەشلەر بىلەن 183 – 182 دوللار بولىدۇ. بۇ باھانىڭ بازار باھاسىدىن تۆۋەن ئىكەنلىكى ئېيتىلىۋاتىدۇ، ئەمما بىز ئۇنداق دەپ قارىمايمىز. تۈنۈگۈن (9 – نويابىر) گېرمانىيە بازىرىدا ئىيۇن ئايلىق باھا 173 دوللاردىن تۆۋەن ئىدى. بىز كېرەكلىك تەبىئىي گازنى ياۋروپا بازارلىرىدىن سېتىۋالىمىز» دېدى.
گازپروم شىركىتىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرىدىن ئالېكسى مىللېر ئۇكرائىنا نافتوگازنىڭ 2016 – يىلىنىڭ ئىككىنچى يېرىمى ۋە كېلەر يىلىنىڭ تۇنجى چارىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان شەكىلدە رەسمىي تەلەپ سۇنغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى ئاشتى
تۈركىيەنىڭ سانائەت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش كۆرسەتكۈچى يىللىق نىسبەتتە % 4.3 ئاشتى.